1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز ئايلىرىدىن تاكى 1950-يىلىنىڭ ئەتىياز كۈنلىرىگە قەدەر داۋاملاشقان ھىمالايا تاغلىرىدىكى چوڭ ھىجرەت سەپىرىگە نۇرغۇن تارىخىي سىرلار ياندىشىدۇ.
شۇ قېتىملىق چوڭ ھىجرەتنىڭ بۈگۈنكى ھايات شاھىتلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن ھىجرەتچىلەر توپى نېمە ئۈچۈن يەكەن ۋە قاغىلىقتا بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالىدۇ؟
غۇلامىدىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كەشمىردە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
«قەشقەرگە توپلانغان گومىنداڭ ئارمىيەسى ئىچىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئەل بولۇشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم گېنېراللار شۇ مەزگىللەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن مەخپىي سۆزلىشىدۇ. ئۇلار، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرگە تەكلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەشكىل قىلىشىنى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشنى شۇنداقلا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھالبۇكى، جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە قەشقەردە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ دېۋىزىيە كوماندىرى جاۋ شىگۋاڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك گارنىزونىنىڭ باش قوماندانى تاۋ سىيۆ بىلەن مەخپىي كېلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەل بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ئۈمىدى ئۈزۈلگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر قىش كېلىپ قالغىنىغا قارىماي ھىجرەت توپىنى باشلاپ ھىندىستان سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»
غۇلامىدىن ئەپەندى ئەينى چاغدىكى ھىمالايا سەپىرى ھەققىدە ئەسلىمە قىلىپ، ئۆزلىرى ماڭغان كارۋان توپىنىڭ قار-مۇز بىلەن قاپلانغان ھىمالايا تاغلىرىدا 29 كۈنگە سوزۇلغان جاپالىق جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇلۇتلارنى پەستە قالدۇرۇپ ئاخىرقى نىشاننى كۆزلەپ مانغان كىشىلەرنىڭ ھايات-مامات ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز تىركەشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇ، ئاشۇ قېتىملىق ھىمالايا سەپىرىدە نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ سوغۇق، ئاچلىق ۋە شالاڭ ھاۋا تۈپەيلىدىن بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇ جۈملىدىن ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان چوڭ ئانىسىنىڭمۇ ھىندىستاننىڭ جاممۇ دېگەن جايىغا يېقىن بىر داۋاندا ھاياتىنى تەرك ئېتىپ، مۇئەللەقتىكى تاش قەبرىگە دەپىنە قىلىنغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى ئاشۇ قېتىملىق زور ھىجرەتتە ئۆزىدىن كېيىنكى كارۋان توپىدا سەپەر قىلغان مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى چوڭ گۇرۇپپىنىڭ كۆكئارات داۋىنىدىكى گومىنداڭ چېگرا قاراۋۇلخانىسىدا بىرقانچە خىتاي ئەسكىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزى ماڭغان كارۋان توپىنىڭمۇ كۆكئارت داۋىنىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدا توسۇۋېلىنىپ، ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى، ئۇندىن باشقان پۇلغا يارىغۇدەك مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، چېگرا قورۇلىدىن تەسلىكتە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى، شۇ قېتىملىق ھىجرەت سەپىرىدە ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇشتەك ئېغىر قىسمەتنىڭ ئۈستىگە كۆكئارت چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىكى بىرقانچە نەپەر گومىنداڭ ئەسكىرىنىڭ زورلۇق-زۇمبۇلۇقلىرى «كۆچ تارىخىمىزدىكى ئەڭ پاجىئەلىك بىر ھېكايە بولۇپ قالدى»، دەيدۇ.
ئۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھىجرەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۆكئارت داۋىنىدا بىرقانچە گومىنداڭ ئەسكىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى، كارۋانلار توپىدىكى زەبەردەس يىگىتلەر تۇتقان قورال-ياراغلارنىڭ قارشىلىقسىز مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، بۇغرا بىلەن ئەيسا ئالىپتېكىندىن ئىبارەت ئىككى رەھبەرنىڭ قاراۋۇلخانىدا ئېسىپ قويۇلۇپ خورلانغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00