1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغا قەدەر مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى لاداق بىلەن سىرىناگار شەھىرىگە توپلىنىدۇ. ياش غۇلامىدىن پاختا تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى سەۋەبلىك ھىندىستان چېگرا ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق سوئال-سوراقلىرىغا ئۇچرايدۇ.
چۈنكى كەشمىرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئەبەيدۇللا تۈركىستانى پاختا جەمەتى ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ «11 بىتىم» نىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن كىشى ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان چېگرا ساقچىلىرى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەردە قورال-ياراغ بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىدۇ.
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە غۇلامىدىن ئەپەندى تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانىنىڭ ئاجايىپ قىسمەتلەرگە توغان ھايات مۇساپىسىنى ھەسرەت بىلەن ئەسلىمە قىلىدۇ. ئۇ تاغىسىنىڭ مۇھاجىرەتتە ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە 12 دەپتەرگە يېزىلغان قوليازما ئەسەرنى قالدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭدا تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى بايان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەبەيدۇللا تۈركىستانى كىم؟ ئۇ 1949-يىلىدىكى ھىجرەتتىن ئىلگىرى، يەنى 1930- ۋە 1940-يىللاردىكى قەشقەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا قانداق روللارنى ئوينىغان شەخس ئىدى؟ غۇلامىدىن ئەپەندى تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانىنىڭ 1934-يىللاردا قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان كىشى ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى تاغىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە، ئۇنىڭ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە 5 يىلدەك يېتىپ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، تاغارغا تىرىك قاچىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئۈچۈن كۆلگە تاشلىۋېتىلگىنىدە تاسادىپىي پۇرسەتتە قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان ئەبەيدۇللا ئەپەندى «ئون بىر بىتىم» دىن كېيىنكى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى تاغىسى ئەبەيدۇللا قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە باشلىق بولغاندىن كېيىن، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپخانىسىدىن شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئارخىپلاشتۇرۇلغان 85 تاغار مەخپىي ئارخىپنى بايقىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەبەيدۇللا تۈركىستانىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلامىدىن ئەپەندىگە سۆزلەپ بېرىشىچە، 85-نومۇرلۇق تاغاردىكى ئارخىپتا قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىغا مەخپىي خىزمەت قىلىدىغان مىڭلىغان يەرلىك جاسۇسلارنىڭ تىزىملىكى بار ئىكەن.
غۇلامىدىن ئەپەندى يەنە تاغىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە 1935-يىلىدىن 1940-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىنىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ قەشقەردە غايەت زور ئىشپىيونلۇق تورى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇ تورغا قەشقەردىكى ساتىراش، موزدۇز، ناسۋالچى، مايلامچى بولۇپ تۈرلۈك-تۈمەن كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇ يەنە تاغىسىدىن ئاڭلىغانلىرى بويىچە، سوۋېت كونسۇلخانىسى باشقۇرىدىغان بۇ غايەت زور ئىشپىيونلۇق تورىدا ھەتتا قەشقەردىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىنىڭمۇ «قوش يۈزلۈك» خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى تاغىسىنىڭ بايانلىرىدىن باشقا ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ئەسلىمىلىرىدىمۇ 1930- ۋە 1940-يىللاردىكى قەشقەردە رۇس-سوۋېت تەسىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خام ئەشيا بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ تاشقى سودىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00