غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (13): گېرمانىيەگە سەپەر

0:00 / 0:00

1955-يىلىنىڭ ئاخىرى گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇش قارارىغا كەلگەن غۇلامىدىن پاختا ئىستانبۇلنىڭ توپقاپى مۇزېيىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان غەربىي گېرمانىيەگە بولغان قىزىقىش، بىلىم ئېلىشقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق شۇنداقلا نامەلۇم كېلەچەككە بولغان ئۈمىد ھاياتىنىڭ نەۋقىران ياشلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان قەشقەرىيەلىك بۇ يىگىتنى ئىستانبۇلنىڭ قايناق ھاياتىدىن ياۋروپانىڭ جىمجىت ۋە سۈرلۈك كوچىلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.

1956-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ياش غۇلامىدىن پاختا ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەنقەرەدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ. ئەيسا ئەپەندىم غۇلامىدىن پاختانى باشلاپ ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان داغىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى شەيخ شامىل ئوغلىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارىدۇ. شەيخ شامىل ئوغلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سۈرگۈندىكى پائالىيەتچىلىرىدىن سۇلايمان ئەپەندىگە مەخسۇس مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە غۇلامىدىن ئەپەندىگە ياردەمدە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

1950-يىللاردا ئۇرۇش خارابىسى ئىچىدىن دەس تۇرۇپ، يېڭىچە تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويغان غەربىي گېرمانىيەدە تېخىچە ھازىرقىدەك پاراۋانلىق سىستېمىسى ئومۇملاشمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئىقتىسادىي مەنبەسى بولمىغان چەتئەللىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇشى ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمەيتتى. گەرچە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى غۇلامىدىن پاختانى گېرمانىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كاتېگورىيەسىدە ئىدى.

1956-يىلىنىڭ ياز پەسلىدە غۇلامىدىن پاختا ئىستانبۇلدىكى سىركىچى پويىز ئىستانسىسىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار پويىزىغا چىقىدۇ. ياشلىق ئارمانلىرى قەشقەرىيەلىك بۇ يىگىتنى ياۋروپانىڭ پاراۋوزى بولغان گېرمانىيەگە ئېلىپ كېتىدۇ. بىرقانچە كۈنلۈك ئۇدا سەپەردىن كېيىن ئۇ غەربىي گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھەر ميۇنخېنغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە شۇ يىللاردا گېرمانىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن بارغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يىللاردا ميۇنخېن شەھىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرى بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ياۋروپادىكى ئالدىنقى سېپى ھېسابلىناتتى. بۇ يەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىئوسى» بىلەن «ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى» نى قۇرغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى سوۋېت ئارمىيەسىدىن گېرمانىيە تەرەپكە ئەسىرگە چۈشكەن تۈركىستانلىق ئەسىرلەر - يەنى ئۆزبېكلەر، تاتارلار، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، ئەزەربەيجانلار ۋە باشقا كافكازىيەلىك ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ سەرخىللىرى مەزكۇر رادىئودا خىزمەت قىلماقتا ئىدى. ميۇنخېندىكى ئەزەربەيجان سەرخىللىرىدىن سۇلايمان ئەپەندى شەيخ شامىل ئوغلىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە گېرمانىيەگە ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن غۇلامىدىن ئەپەندىنى «ئازادلىق رادىوسى» نىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدىكى مەسلەكداشلىرىغا تونۇشتۇرىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ باش شتابىغا كەلگىنىدە، ئۇنى «تۈركىستانچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى» نىڭ مۇدىرى ۋەلى زۇنۇن ئەپەندى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەربەيجان ۋە كافكازىيەلىك مىللىيەتچىلەر غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئاڭلايدۇ.

«ئازادلىق رادىئوسى» تۈركىستانچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋەلى زۇنۇن ئەپەندى ياش غۇلامىدىننىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنى مەزكۇر رادىئونىڭ ئامېرىكالىق باش دىرېكتورىغا تونۇشتۇرىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئويلاپ باقمىغان كۆرۈشۈشتە تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئامەت غۇلامىدىن پاختاغا ئۆز قۇچىقىنى ئاچىدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ دىرېكتورى غۇلامىدىن پاختا بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئېلېكتر تېخنىكىسى بويىچە داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنى بىر-بىرلەپ ئاڭلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ غۇلامىدىن پاختاغا كەلگۈسىدە مەزكۇر رادىئودا خىزمەت قىلىش شەرتىنى قويۇپ، ئۇنى نۈرېنبۇرگدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە تېخنىك ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى پۈتۈن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخوتىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

(داۋامى بار)