غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (15): «ئازادلىق رادىيوسى» دا ياڭرىغان تۇنجى ئۇيغۇر ئاۋازى

0:00 / 0:00

1950-يىللارنىڭ ئاخىرى غۇلامىدىن پاختا گېرمانىيەنىڭ نۇرېنبۇرگ شەھىرىدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە تېخنىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالغاندىن كېيىن، ميۇنخېنغا قايتىپ «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىش باشلايدۇ. ئۇ دەسلەپ ميۇنخېن شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئورمانلىققا جايلاشقان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ پروگراممىلىرىنى ھاۋا دولقۇنىغا قويۇش مەركىزىدە تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلەيدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان 16 چوڭ مىللەتنىڭ تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. غۇلامىدىن پاختا دەسلەپتە 14 نەپەر گېرمان تېخنىك بىلەن بىرلىكتە «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى ھەرقايسىي مىللەتلەرگە قارىتا تەييارلىغان كۈندىلىك پروگراممىلىرىنى ھاۋا دولقۇنىغا قويۇش ئىشىنى ئاتقۇزىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلامىدىن پاختانىڭ تۈركىي تىللىرىنى ياخشى بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقى «ئازادلىق رادىيوسى» دىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. غۇلامىدىن پاختانىڭ ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈركمەن ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا بېرىلىۋاتقان رادىيو پروگراممىلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنىشتەك ئۇنىۋېرسال تىل قابىلىيىتى ئۇنىڭ مەزكۇر رادىيودىكى خىزمەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تېخنىك بۆلۈمىدە تۈركىي تىللاردىكى ئاڭلىتىشنىڭ سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى، ھەرقايسى تىللاردىكى ئاڭلىتىشنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ھەمدە ئاۋازلارنىڭ سۈزۈك ياكى شاۋقۇن ئارىلاشقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش ئىشىنى ئىشلەيدۇ.

ئۇ «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تېخنىك بۆلۈمىدە بىرقانچىلىغان تۈركىي تىللىرىدىكى ئاڭلىتىشنى كۈندە ئاڭلاش ۋە پروگراممىلارنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىردىنلا ئۆزى شەخسەن قەلەم تەۋرىتىپ ماقالە-خەۋەر يېزىپ بېقىش ۋە ئۇنى ئاڭلىتىش خىيالى تۇغۇلىدۇ. ھالبۇكى، «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ مەسئۇللىرى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى دەسلەپتە كەسكىن رەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاخىرى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۆزبېكچە پروگراممىلىرىنىڭ ئارىسىدا سىناق تەرىقىسىدە ھەپتىدە بىر پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە ئاڭلىتىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، غۇلامىدىن پاختانىڭ قەلىمى ۋە ئاۋازىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە پروگرامما گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا ياڭرايدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۆزبېكچە پروگراممىلىرى ئارىسىدا ئاڭلىتىلغان ئۇيغۇرچە ماقالە-خەۋەرلەر ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇنى ھېس قىلغان «ئازادلىق رادىيوسى» ئۆزبېكچە پروگراممىلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى ھەپتىدە ئىككى قېتىمغا كۆپەيتىدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ھاۋا دولقۇنلىرىدا ياڭرىشى غۇلامىدىن پاختانى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ باش دېرىكتورى، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا خەلقئارا رادىيو ئىستانسىلىرى باش ئىدارىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كەينى-كەينىدىن مەكتۇپ يېزىپ، «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئۇيغۇرچە رەسمىي ئاڭلىتىش ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر رادىيو ئاڭلىتىشىنىڭ پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان مىللەتلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقىنى، خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن ئاڭلىتىش بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، پەرغانە ۋادىسى بىلەن يەتتەسۇ تەۋەسىگە كۆچكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇ يەنە، ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شوۋېنىستىك مىللەتلەر سىياسىتى تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ نامى بىلەن نوپۇسقا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دېيىشكە، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قازاق دېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىدەك رېئاللىقنى بايان قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاخىرى نەتىجە بېرىدۇ. «ئازادلىق رادىيوسى» تۈرلۈك قاناللار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاخىرى «ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش» تەسىس قىلىشنى قارار قىلىدۇ.

(داۋامى بار)