غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (17): تۈركىيە ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىشىم

0:00 / 0:00

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھايات مۇساپىسىگە نەزەر تاشلىغىنىدا تۈركىيە ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن يىللىرىنى ئەسلا ئۇنتالمايدۇ.

ئۇ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئەسكىرىي مەجبۇرىيەتنىڭ بىر مىللىي دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شۇ ۋەتەندىكى پۇقرالاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن پۇقرالىق بۇرچىنى ھېس قىلدۇرۇشتا مۇھىم بىر سىناق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ مۇساپىرەت ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ۋەتەنسىزلىكنىڭ بىر قەدىمىي خەلق ئۈچۈن نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىنى مەرھۇم شائىرى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن ئىپادە قىلىدۇ:

غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سوراڭ،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گەدادىن سوراڭ.
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنا، نە تەم؟
بۇنى ئۆز ئېلىدىن ئايرىلغان جۇدادىن سوراڭ!

تۈرك ۋەتىنى ئۇنىڭغا ئىككىنچى ۋەتەننىڭ غۇرۇرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھالبۇكى، غۇلامىدىن پاختا تۈركىيەگە كەلگەن يىللىرىدا دەسلەپ ئوقۇشتا بولغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى توپقاپى مۇزېيىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئاتقۇزغانلىقى ۋە كېيىنچە گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك، تۈركىيەدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە ئىمكان تاپالمايدۇ.

1961-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا، ئۇ گېرمانىيەدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىدىن بىر پارچە جىددىي مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدا غۇلامىدىن پاختانىڭ تۈرك ۋەتەندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن 48 سائەت ئىچىدە ئىستانبۇلدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى شۆبە قوماندانلىق شىتابىغا بېرىپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا تۈركىيەگە قايتىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئۈچۈن «ئازادلىق رادىيوسى» دىن 2 يىللىق رۇخسەت ئالىدۇ. ئۇ دەرھال گېرمانىيەدىكى ئولتۇراق ئۆيى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ گېرمانىيەدىكى خىزمەت، ئۆي ۋە باشقا تەئەللۇقاتلىرىنى تاشلاپ، 48 سائەتنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلدا ئۈنۈشى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە قوماندانلىق مەركىزىدىكى ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار غۇلامىدىن پاختانىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى 6 ئايدا تۈركىيە ئارمىيەسىدە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنى، قالغان 18 ئايدا تۈركىيەنىڭ يىراق شەرقىي چېگراسىدىكى تاغلىق رايوندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق مەركىزى غۇلامىدىن پاختانى سىۋاس ۋىلايىتىدىكى ئەسكىرىي تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان ھەربىي بازىغا ئەۋەتىدۇ.

سىۋاس ۋىلايىتىدىكى ھەربىي بازىدا ئۆتكەن 6 ئاي غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپىلەرنى يارىتىدۇ. ئۇ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ توپچى ئەسكەرلەر قىسمىغا تەقسىم قىلىنىپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيەنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە چېنىقىدۇ. بۇ يىللار دەل تۈركىيەنىڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قوشنىسىنىڭ ھەربىي تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا ناتونىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا كوممۇنىزم لاگېرى بىلەن تىركىشىۋاتقان بىر مەزگىلى ئىدى. شۇڭا پەۋقۇلئاددە جىددىي بىر ۋەزىيەتتە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن غۇلامىدىن پاختا ئەمەلىي مەشىق ۋە نەق مەيداندىكى ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنىڭ ھەممە تۈرىدە چېنىقىدۇ.

6 ئايلىق جىددىي ھەربىي تەلىم-تەربىيەدىن كېيىن غۇلامىدىن پاختا سىۋاستىكى ھەربىي ئوفىتسېرلار كۇرسىنى تاماملايدۇ. ھەربىي مەكتەپ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئوقۇش ۋە دۆلەتكە خىزمەت قىلىش تارىخىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «يېدەك سۇباي»، يەنى بىر يۇلتۇزلۇق زاپاس ئوفىتسېر ئۇنۋانىنى بېرىدۇ. ئۇ، «يېدەك سۇباي» ئۇنۋانىنى ئالغان ھەربىي ئوفىتسېرنىڭ ئەگەر ئۇرۇش پارتلىسا، تۈركىيە ئارمىيەسىدە تەخمىنەن 100 ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)