1960-يىللاردا تۈركىيەنىڭ يىراق شەرقىدىكى چېگرا رايونلىرىدا، يەنى ئاناتولىيەنىڭ تاغلىق قىشلاقلىرىدا يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتى گويا توختام سۇدەك تىمتاس، تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرى ئىنتايىن سۇس ئىدى. ئەنە ئاشۇ يىللاردا ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىنىڭ تاشلىكۆي قىشلىقىدا ئىككى يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان غۇلامىدىن پاختا ئەسىرلەر بويى بېكىك مۇھىتتا ياشىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇشقا تىرىشىدۇ.
جۇغراپىيەلىك مۇھىت كۆپ ھاللاردا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىلەن قىممەت قاراشلىرىغا مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ياش تۇرۇپلا مۇھاجىرەتنىڭ ئېغىر سىناقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ دەسلەپ تۈركىيەگە، ئۇ يەردىن گېرمانىيەگە سەپەر قىلغان بۇ قەشقەرىيەلىك يىگىت تاشلىكۆيدىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسلۇدىكى بەزى قېتىپ قالغان ئادەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىدۇ.
غۇلامىدىن پاختانىڭ ياشلىق قىزغىنلىقى، مائارىپ ۋە ئىلىم ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئاقارتىش ھەرىكىتى شۇنداقلا يەرلىك خەلقلەرگە بېغىشلىغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۇنى شەرقىي ئاناتولىيەنىڭ چېگرا بويىدىكى بۇ تاغلىق كەنتتە ھۆرمەتكە ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ.
1963-يىلى بۇ يەردىكى بىر يېرىم يىلغا سوزۇلغان ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گېرمانىيەگە قايتىشقا تەييارلانغان غۇلامىدىن پاختا ئىنتايىن قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. تاشلىكۆيدىكى يەرلىك تۈركلەر غۇلامىدىن پاختانى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن ئەرزۇرۇم ۋالىيسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. ۋالىيمۇ ياش غۇلامىدىننىڭ بۇ يەردە قەپ قېلىپ، تاشلىكۆيدە يىلتىز تارتىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىگە يىراقتىكى مەھكۇم ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى پۈككەن غۇلامىدىن پاختا گېرمانىيەگە قايتىپ «ئازادلىق رادىيوسى» دا ياڭرىغان ئۇيغۇر ئاۋازىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشقا بەل باغلايدۇ.
تاشلىكۆي خەلقى غۇلامىدىن پاختانى تاكى ئىككى كۈنلۈك يولغىچە ئۇزىتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاخىرى كۆزى قىيمىغان ھالدا بۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرى چاقىرىۋاتقان كېلەچەككە قاراپ ئاتلىنىدۇ.
تاشلىكۆي خەلقى غۇلامىدىن پاختاغا بولغان ھۆرمەت، قايىللىق ۋە قېرىنداشلارچە سۆيگۈ بىلەن ئۇنىڭ كىملىكىنى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، قانداق قىسمەتلەر بىلەن بۇ تۇپراققا قەدەم باسقانلىقىنى تولىمۇ بىلگۈسى كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ساناقسىز سوئاللارنى ياغدۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىك ۋە سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسى تۈپەيلى غۇلامىدىن پاختا ئۆز كىملىكى ھەققىدە كۆپ توختالمايدۇ. پەقەتلا ئانا ۋەتىنىنىڭ يىراقتىكى تۈركىستان دېگەن تۇپراقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
غۇلامىدىن پاختا ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن تاشلىكۆيدىكى ئاشۇ ئاقكۆڭۈل ئىنسانلارنى ھېلىھەم ئەسلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەسلىمىلەر قاينىمىدا ياشاۋاتقان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى تاشلىكۆيدە ئۆتكەن ئاز كەم ئىككى يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى مۇنۇ مىسرالار بىلەن خۇلاسە قىلىدۇ:
ۋەتەنگە جان پىدا ئەتسەڭ، ئۇنىڭغا تەڭ باھا يوقتۇر،
ۋە لېكىن بىلكى، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە غەيرىي جان پىدا يوقتۇر.
كىشىنىڭ قولىغا قاراپ، بەختىڭنى تاما قىلما،
سېنىڭ غېمىڭ بىلەن يۈرگەن سۇلايمان پادىشاھ يوقتۇر.
ۋەتىنىڭنى بىل، ئاتىلاردىن قالغان بۈيۈك بىر ساز دەپ،
ئۇنى يالغۇز ئۆزۈڭ چالغىن، كىشى چالسا سادا يوقتۇر.
ۋەتەن شەيداسىدۇر ئەرشى ۋە بۇ غۇلام پاختا،
يېتەر، بۇ ۋەتەندىن باشقا بىر مۇددىئا يوقتۇر.
0:00 / 0:00