غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (30): ئامېرىكادىكى تۇنجى ئۇيغۇر - داۋۇت ئوسمان ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئۇيغۇر ھەققىدە بىلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز.

تۇنجى بولۇپ ئامېرىكاغا كەلگەن ۋە ئوقۇغان، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ھەققىدە ئامېرىكادىكى بىرىنچى دەرسلىكنى تۈزگەن، ئەمما شەخسىي ھاياتى تا ھازىرغىچە كىشىلەر ئۈچۈن بىلىنمىگەن بۇ شەخس - مەرھۇم داۋۇت ئوسماندۇر.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم ئامېرىكادىكى زامانداشلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا مەرھۇم داۋۇت ئوسمان ئەپەندىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1949-يىلىدىكى زور ھىجرەت مەزگىلىدە ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ھىندىستانغا سەپەر قىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارىسىدا داۋۇت ئوسمانمۇ بار ئىكەن. 1950-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە كەشمىرگە توپلانغان مىڭلىغان مۇھاجىرلار ئارىسىدىن 4 نەپەر ئۇيغۇر ياش تاللىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا ئەۋەتىلگەن. داۋۇت ئوسمان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «داۋۇت ئوسمان ۋاپات بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇت ئوسمان ئەسلىدە خۋاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىنى پۈتتۈرگەن پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئىكەن. ئۇ 1946-يىلى «ئون بىر بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئورگىنى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1947-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەسئۇد سابىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە رەئىس بولغاندا ئۇنىڭ باش مۇھاپىزەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1949-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى جون پاكىستون كونسۇلخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنگىنىدە پولكوۋنىك داۋۇت ئوسمان ئۇلارنى قوغداپ ھىندىستانغا ئاپىرىپ قويۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. داۋۇت ئوسمان بۇ قېتىملىق سەپىرىدە مەسئۇد سابىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە پەرزەنتى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ يېڭىساردىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىننىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭغان. ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستون ھىندىستانغا بىخەتەر يېتىپ بارغاندىن كېيىن داۋۇت ئوسمان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىشقا تەرەددۇت قىلغان. ئەمما شۇ يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ چېگرانى قامال قىلىشى سەۋەبلىك ۋەتەنگە قايتالمىغان. ئۇ 1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز ئايلىرىدا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ كەشمىرگە يېتىپ كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن قوشۇلغان.

غۇلامىدىن پاختانىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1950-يىلىنىڭ ئاخىرى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئامېرىكادا ئوقۇتۇش ئۈچۈن كەشمىردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئارىسىدىن تاللانغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئارىسىدا داۋۇت ئوسمانمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكاغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 3 نەپىرى كېيىنچە تۈركىيەگە قايتىپ كەتكەن، ئەمما داۋۇت ئوسمان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكادا قالغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا تىل مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇ ئەجدادلىرى ئىتالىيەدىن ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن بىر كاتولىك ئائىلىسىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇش قۇرغان.

شۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىدىكى مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن داۋۇت ئوسماننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈلۈپ قالغان. ئەركىن ئالپتېكىننىڭ ئەسلىشىچە، 1950-يىللاردا ئۇ خىزمەت بىلەن ئوتتۇرا شەرققە ماڭغان داۋۇت ئوسمان بىلەن ئىستانبۇلدا بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەن. غۇلامىدىن پاختا 1966-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن 3 يىلغىچە داۋۇت ئوسماننى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن.

1960-يىللارنىڭ ئاخىرى غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئۆزبېك خادىم روزى نەزەردىن داۋۇت ئوسماننىڭ ئۇچۇرىنى ئالىدۇ. روزى نەزەر ئۇنىڭغا داۋۇت ئوسماننىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدۇ ۋە ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى داۋۇت ئوسمان بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

كېيىنچە ئۇلارنىڭ بېرىش-كېلىشى قويۇقلىشىدۇ. گەرچە داۋۇت ئوسمان ئۆزىنىڭ قەيەردە، نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما غۇلامىدىن پاختا بىلەن قەرەللىك ھالدا كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىپ تۇرىدۇ. غۇلامىدىن پاختانىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ يىللىرى داۋۇت ئوسمان ئايالىنى ئېلىپ غۇلامىدىن پاختانىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كېلىدۇ. يېمەكتىن كېيىن غۇلامىدىن ئەپەندى ساز چېلىپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن بىرىنى ئېيتىدۇ. ۋەتىنىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىغان داۋۇت ئوسماننىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ....

غۇلامىدىن پاختا شۇ قېتىم داۋۇت ئوسماننىڭ قەلبىدە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كۆمۈلۈپ ياتقان ۋەتەن سېغىنچىنى بىرىنچى قېتىم ھېس قىلىدۇ. داۋۇت ئوسماننىڭ ئايالى - مارسىيا ۋىنسلوۋ خوۋېس خانىم بۇ ئىشتىن قاتتىق ھەيران ھەيران قالىدۇ. شۇنچە يىللاردىن بۇيان يولدىشىنىڭ قەلبىدە باشقا بىر دۇنيانىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بىلىپ قاتتىق خاپىلايدۇ.

شۇ يىللاردا داۋۇت ئوسمان غۇلامىدىن پاختا بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۆز قەلبىدىكى ئازابلىرىنى، تەنھالىقىنى ۋە ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە خەلقى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. غۇلامىدىن پاختا ئۇنىڭغا قولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئورتاق تۈركىي تىلىدىكى بىر تەرجىمىسى بارلىقىنى، مۇمكىن بولسا ئۇنى كۆپەيتىپ بېسىپ، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىغا تارقىتىشقا ياردەم قىلىشىنى سورايدۇ.

دېگەندەك، داۋۇت ئوسمان ئۆز يېنىدىن بىرقانچە مىڭ دوللار سەرپ قىلىپ ئورتاق تۈركىي تىلىدىكى بۇ «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمىسىنى مىڭ نۇسخا باستۇرىدۇ. غۇلامىدىن پاختا ئۇنى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا تارقىتىدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ بايان قىلىشىچە، مارسىيا خانىم كېيىنچە بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق خاپا بولىدۇ ۋە يولدىشى داۋۇت ئوسمان بىلەن ئۇرۇشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مارسىيا خانىم يولدىشى داۋۇت ئوسماننىڭ ئامېرىكادىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، جۈملىدىن غۇلامىدىن پاختا بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشىنى توسايدۇ. شۇندىن كېيىن غۇلامىدىن پاختانىڭ داۋۇت ئوسمان ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ئۇزۇن يىللارغىچە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندە غۇلامىدىن پاختا ئۆزبېك دوستى روزى نەزەردىن داۋۇت ئوسماننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئۆلۈم پەتىسى قىلىش ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئىستەپ مەرھۇم داۋۇت ئوسماننىڭ خانىمىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرغان تېلېفونلىرى جاۋابسىز قالىدۇ. ئارىدىن 3 ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە مارسىيە خانىم ئاخىرى تېلېفون قوبۇل قىلىپ غۇلامىدىن پاختا بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ چاغدا مەرھۇم داۋۇت ئوسمان بىرمۇ قېرىندىشى، ۋەتەندىشى ۋە مۇسۇلمان دوستلىرى چاقىرىلمىغان ئەھۋالدا دەپنە قىلىۋېتىلگەن ئىدى.

1999-يىلى 8-يانۋاردا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بېسىلغان مەرھۇم داۋۇت ئوسمان ھەققىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكادىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تىلشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1953-يىلى رەسمىي تۈردە ئامېرىكادا تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا 20 يىل خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيە، ئىران، مالايشىيا ۋە ۋاشىنگتوندىكى خىزمەت نۇقتىلىرىدا 13 تىن ئارتۇق تىل ۋە دىئالېكت بويىچە تىل مۇتەخەسسىسى، مەخسۇس خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن مارىلاند شتاتىنىڭ روكۋېل شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. داۋۇت ئوسماننىڭ 4 پەرزەنتى بولغان. ئارمان ئوسمان ۋە لىن فرانسىس ئوسمان دېگەن ئىككى ئوغلى بىلەن كاسېرىن ئوسمان ۋە جەنىس لوررېن ئوسمان دېگەن ئىككى قىزى ئامېرىكادا ياشىماقتىكەن.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم بۈگۈن ئامېرىكادىكى زامانداشلىرىدىن داۋۇت ئوسماننى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلىگىنىدە مەرھۇم ئۆز ۋاقتىدا پۇل چىقىرىپ باستۇرۇپ بەرگەن «قۇرئان كەرىم» دىن بىر نۇسخىنى ھازىرغىچە قولىدا ساقلاپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ….

(داۋامى بار)