2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، يەنى ئۆزبەكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان غۇلامىدىن پاختا ئەينى ۋاقىتتا «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدا نەشر قىلىنىش پىلانلانغان «تۈركىستان بىرلىك ئاۋازى» مەجمۇئەسىنىڭ باش تەھرىرلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.
مەزكۇر مەجمۇئە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھەممىسى چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق تىلدا لاتىن ھەرپلىرى بىلەن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقىدا «ئۆزىنى تونىمىغان مىللەت ئۆزگىلەرنىڭ ئوۋ نىشانىدۇر، ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن كىشى ئىنسانلىقنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلاپ، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش رايونىدىن مىڭلىغان ئۆزبەكلەر ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ. ئۇلار سان جەھەتتىن كۆپ، ئۇزاق مەزگىل ئافغانىستاندىكى پارس-تاجىك مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادا نەشر قىلىنىۋاتقان «تۈركىستان بىرلىك ئاۋازى» مەجمۇئەسىنى پارس تىلىدا چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ تەھرىراتى ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، مەجمۇئەنى داۋاملىق ئورتاق تۈركىي تىلىدا نەشر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئامېرىكادا «تۈركىستان بىرلىك ئاۋازى» ناملىق مەجمۇئە نەشر قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تاشكەنتتە «ۋەتەن جەمئىيىتى» ناملىق بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قارشى قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ تاشكەنتتىكى «ۋەتەن جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسىنى «ئىلمىي خادىم» قىلىپ ياساپ ئامېرىكاغا ئەۋەتىدۇ. گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتاقلىق تارىخچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى بايمىرزا ھايت «لېنىننىڭ ئوغلى كەلدى» ناملىق ماقالە يېزىپ باشقا بىر ئاپتورنىڭ نامىدا «تۈركىستان بىرلىك ئاۋازى» مەجمۇئەسىگە ئەۋەتىدۇ.
بايمىرزا ھايت يازغان، ئەمما باشقا بىر كىشىنىڭ نامىدا كەلگەن مەزكۇر ماقالە ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە يېزىلغان بولۇپ، «تۈركىستان بىرلىك ئاۋازى» نىڭ تەھرىراتى مەزكۇر ماقالىنى بېسىش-باسماسلىق ھەققىدە كۆپ تالاش-تارتىشتا بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتىكى «ۋەتەن جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسىنى ئامېرىكاغا ئەۋەتىشى ئامېرىكادىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئارىسىدا بىز مەزگىل گۇمان ۋە ۋەھىمە قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئافغانىستاندىن كەلگەن ئۆزبېك مۇھاجىرلارنىڭ «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» دىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلىشى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىر مەھەل سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
ئامېرىكادىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ 1980-يىللاردىكى پائالىيەتلىرى بەزىدە بىرلىشىش، بەزىدە بۆلۈنۈش، بەزىدە قوشۇلۇش، بەزىدە زىددىيەتكە پېتىپ قېلىشتەك ئەگرى-توقاي جەريانلار بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. 1991-يىلىغا كەلگەندە، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا 5 مۇستەقىل دۆلەت دۇنياغا كېلىدۇ. شۇ يىللاردا «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» تەشكىلاتىدا پەيدا بولغان بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، «بىزنىڭ دەۋايىمىز ھەل بولدى، بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىمىز يوق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەۋاسى بىزنىڭ دەۋايىمىز ئەمەس،» دېگەن سۆزلەرنى چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «تۈركىستان بىرلىك ئاۋازى» ناملىق مەجمۇئە تاقىلىش گىردابىغا يۈز تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن غۇلامىدىن پاختا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 240 ئەزاسى يىغىلغان بىر چوڭ يىغىلىشتا «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
(داۋامى بار)