غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (37): «ئىستانبۇل خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى
2018.02.13
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىدىن: «سىزچە 1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى› نىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى زادى نېمە،» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرمىغانلىقى، يەنى بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تارىخىي شارائىتتا، دەل ۋاقتىدا ئېچىلغانلىقى،» دەپ جاۋاب بەردى.
خۇددى غۇلامىدىن ئەپەندى تەكىتلىگىنىدەك، ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى، يەنى 1992-يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» بېرلىن تېمى ئۆرۈلۈپ، دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىزم لاگېرى يىمىرىلىۋاتقان، سوۋېتلار ئىتتىپاقى غۇلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازدا 5 مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى دۇنياغا كەلگەن، خىتايدا تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇستەبىت كوممۇنىستىك سىستېما كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر يىللار ئىدى.
مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي پۇرسەتتە ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ.
غۇلامىدىن پاختا، 1992-يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» دا كۆپلىگەن سىياسىي قارارلار، مۇراجىئەتنامىلەر ۋە باياناتلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەممە بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىردەك ماقۇللىغان «ئىستانبۇل خىتابنامىسى» نىڭ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن قۇرۇلتاي ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئىستانبۇل خىتابنامىسى» نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى:
«شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ خىتابنامىسى - «ئىستانبۇل خىتابنامىسى»:
1. ۋەتىنىمىزنىڭ نامى شەرقىي تۈركىستاندۇر.
2. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي بايرىقى ۋە دۆلەت نىشانى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن باشاقلار ئارىسىغا ئېلىنغان ئاي-يۇلتۇزلۇق بەلگىدۇر.
3. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىق تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ خەلقلەر بىلەن ئۆتمۈشتە بۇ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھېچ بىر پىداكارلىقتىن قاچمىغان، خۇشاللىقتىمۇ ۋە غەمدىمۇ بىرگە بولغان مىللەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.
4. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى، كوممۇنىستىك تۈزۈمى ۋە «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن ئويدۇرما قەتئىي رەت قىلىنىدۇ.
5. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىقنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەندىلا ھەقىقىي ئەركىنلىك ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
6. شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تىل، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوقىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.
7. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە. چىن (خىتاي) خەلقى ئېزىلىشنىڭ ئاچچىق تەجرىبىلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى بۇ ھەقىقەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقىگە ئەسلەتمەك سۈرىتى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان چىدىغۇسىز ئېزىش ۋە يوقىتىش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.
8. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان، خىتاي كوممۇنىست تۈزۈمىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چىن (خىتاي) دېموكراتىك ھەرىكىتى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
9. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ئوخشاش خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ئېزىلىشى ئاستىدا قالغان تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىستان خەلقلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان مۇجادىلىرىنى قوللايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
10. شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «مۇختارىيات» ۋەدىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان «پارچىلاپ ئىدارە قىلىش» سىياسىتىنى پاش قىلىدۇ ۋە بۇ سىياسەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىشنىڭ بىر پارچىسى، دەپ ھېسابلايدۇ.
11. شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ئىسلامى تەشكىلاتلاردىن چىن (خىتاي) ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى دەستەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
12. شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھېچ بىر ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى ئايىمىغان كىشىلەر ۋە تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
1992-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىستانبۇل
غۇلامىدىن ئەپەندى ئاخىرىدا 1992-يىلىدىكى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي داۋا تارىخىدا دەۋر-شارائىتى ئەڭ پايدىلىق، كۆلىمى ئەڭ زور، تالاش-تارتىشلىرى ئەڭ كەسكىن بىر قېتىملىق مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى مىللىي دەۋا ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈردى، يەنى 1949-يىلىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىگە تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم جەم قىلدى، دېدى.
(داۋامى بار)