گۋەنتانامودىن قايتقاندا: ئابابەكرى قاسىمنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى-9

0:00 / 0:00

ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئالبانىيە پايتەختى تىرانادا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇلار ئەركىنلىككە ئېرىشىپ ئۆزلىرىمۇ ئويلاپ باقمىغان يات بىر ئەلدە يېڭى ھاياتىنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلار ئۈچۈن قىيىن جەريان ئىدى.

«گۋەنتانامو» دېگەن تامغا ھەر ۋاقىت ئۇلارنى يەرلىك خەلق ئالبانلاردىن ئايرىپ تۇراتتى. غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر ۋاقىت كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان «تېررورىست» ئاتالغۇسىنىڭ سايىسى ئۇلارنىڭ يات ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمىگە سوڭدىشىپلا يۈرەتتى.

ئۇلار تەقدىرىگە تەن بېرىپ ئۆزلىرىنى قوينىغا ئالغان بۇ يات ئەلنى سۆيۈشكە، ئۇنىڭ ئىتائەتمەن پۇقراسى بولۇشقا، ئالبان تىلىنى ئۆگىنىپ ئۆزلىرىگە لايىق ئىش تېپىپ ئىشلەشكە، يېڭى ئائىلە قۇرۇپ ھاياتىنى مەنىلىك ئىشلارغا بېغىشلاشقا تەييار ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئالبان جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىگە يىللارچە ۋاقىتلار كېتىدۇ.

ئالبانىيىنىڭ كوممۇنىستىك سىستېما غۇلىغاندىن كېيىنكى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن ئىقتىسادىي ھالىتى ئۇلارنىڭ بۇ ئەلدە ئۆز چۈشىنى رېئاللاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار پۈتۈن كۈچىگە تايىنىپ مۇمكىنسىزلىك ئىچىدىن مۇمكىنچىلىك تېپىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى، مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقادى شۇنداقلا تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى ئالبان مۇسۇلمانلىرىنى ئاخىرى تەسىرلەندۈرىدۇ. تىرانادىكى مەسچىت جامائىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئالبانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇلار ھەققىدە 20 نەچچە مىنۇتلۇق مەخسۇس زىيارەت فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن ئالبان خەلقىنىڭ ئۇلارغا بولغان قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.

ئۇلار تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن تويلىشىدۇ. ئالبانىيىدە تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئانا تىل بىلەن سۆزلىشىش شارائىتىنى ئۆز ئۆيلىرىدە ھازىرلايدۇ.

ئابابەكرى قاسىم ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانى ۋە مەسئۇلىيىتى بىلەن ياشاشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ گۋەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئالاھىدە كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلۇشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلمايدۇ، بەلكى پەخىرلىنىدۇ. يەتتە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن كەلگەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. تاراتقۇ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىنىپ تۇرۇشىنى ئىزدەيدۇ.

ئابابەكرى قاسىمنىڭ ھېكايىسى بۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇ ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئاشۇ ئەلدە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد بىلەن ياشىماقتا. ئۇ ئۆز بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىگە، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ….

ئابابەكرى قاسىم گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 22 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىغا ۋاكالىتەن ۋەتەن تۇپرىقىنى قۇچاقلاپ ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىغا شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە سالام يوللايدۇ!