كارىب دېڭىزىدىكى بۇ ناتونۇش ئارالغا ئامېرىكىنىڭ قەندىھاردىن ئۇچقان ھەربىي ئايروپىلانى ئەنسىز قونىدۇ. پۇت - قوللىرى چەمبەرچاس باغلىنىپ قىزىل رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيدۈرۈلگەن ئابابەكرى باشلىق 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ياش ئوخشاش قىسمەتتىكى باشقا مەھبۇسلار بىلەن بىرگە بۇ يات تۇپراققا دەسسەيدۇ.
ئىسسىق بەلۋاغنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك قۇياش نۇرى باشقا مىڭلىغان ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ ۋۇجۇدىغا سېپىلىدۇ. ۋەھالەنكى، «تېررورىست» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن بۇ بىر توپ كىشىلەر تروپىك قۇياشىنىڭ تونۇردەك ھارارىتىنى ئەركىن دۇنيادا ئەمەس، بەلكى تۆمۈر رىشاتكىلىق قەپەس ئىچىدە تۇرۇپ ھېس قىلىدۇ.
بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ سېلىنغان تۆمۈر رىشاتكىلىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە بىرقانچە يۈزلىگەن مەھبۇسلار قامىلىدۇ. تۈرلۈك ئەللەردە تۇغۇلۇپ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسكەن بۇ توپ بىتەلەي كىشىلەر تەقدىرنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرى بىلەن گۋەنتانامو قولتۇقىدىكى سىرلىق تۈرمىگە ئەسىر قىلىنىدۇ. ئەرەب، پارس، پاشتۇ، تۈرك، ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە باشقا بىرقانچىلىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان نەچچە يۈزلىگەن تۇتقۇنلار كۇبانىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى بۇ مەھبۇسلار لاگېرىدا تۈرمە ھاياتىنى باشلايدۇ.
بەزگەك كېسىلى، ھارغىنلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي بېسىم نەتىجىسىدە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئابابەكرى گۋەنتانامو تۈرمىسىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقنىمۇ سەزمەيدۇ.
گۋەنتانامو تۈرمىسى ئۇلار ئويلىغاندەك ئىسسىق بەلۋاغدىكى غايىۋى جاي ئەمەس ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ ئادەملىرى تەشۋىق قىلغاندەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئۆلچەملىرىگە تايانغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىمۇ ئەمەس ئىدى. گەرچە تۇنجى قېتىملىق سوراقتىن كېيىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ خاتا جايدا ۋە خاتا ۋاقىتتا تۇتۇلۇپ قالغان گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى قاچان ۋە قانداق ئۇسۇلدا قويۇپ بېرىدىغانلىقى قاراڭغۇ ئىدى.
گۋەنتانامو تۈرمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئابابەكرىنىڭ بەزگەك كېسىلىدە ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھىي جەھەتتىكى يوقىتىش ئۇنى تىنىمسىز قىينىماقتا ئىدى. نامەلۇم كېلەچەكنى كۈتۈپ تۆمۈر قەپەس ئىچىدە كۈنلەرنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ ياشلىق قەلبىنى ئازابلىماقتا ئىدى. ئىنسانىي مۇئامىلىگە نائىل بولالماسلىق، بىگۇناھ بەدەل تۆلەش ھەمدە تۈرمە قاراۋۇللىرىنىڭ قوپال ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭدىكى سەۋر - تاقەتنىڭ چېكىنى تىنىمسىز خورىتىپ بارماقتا ئىدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈرمە دائىرىلىرى خىتاي تەرەپتىن كىشى كېلىپ ئۇلارنى سوراق قىلىدىغانلىقنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدۇ. ئامېرىكىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ، يەنە كېلىپ دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە رول ئويناۋاتقان بۇ زور دۆلەتنىڭ ئۆز مەھبۇسلىرىنى خىتاينىڭ سوراق قىلىشىغا يول قويۇشى ئۇلارنىڭ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ.
دېگەندەك خىتاي تەرەپنىڭ سوراقچىلىرى گۋەنتانامودا پەيدا بولىدۇ. بۇ يەرگە قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى بىر - بىلەپ سوراق سوراق قىلىدۇ. ئۇيغۇرچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان خىتايلار بىلەن بىرقانچە ئۇيغۇر سوراقچىدىن تەشكىللىگەن بۇ ئۆمەك ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا پوپوزا ۋە تەھدىتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتاي سوراقچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى بىردەك رەت قىلىدۇ. ئابابەكرىمۇ ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ. گۋەنتانامودا، يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىغا قۇرۇلغان بۇ تۈرمىدە خىتاي تەرەپ ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زادىلا سىغمايدۇ.
ئېغىر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە سوراقتىن قايتىپ چىققان ئابابەكرى تۆمۈر رىشاتكىغا يۆلەنگىنىچە ئاپئاق قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ تۇرغان كارىب دېڭىزىغا قاراپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆمىدۇ. ئەمدى ئۇلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟ ئۇلار قاچانغىچە بۇ تۆمۈر قەپەسلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ؟ …
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00