ھېيتلىق سالاملار: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختىيار ھېس قىلماقتىمەن مەن.

0:00 / 0:00

ئالدى بىلەن ھەر بىرىڭلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى چىن دىلىمىزدىن قۇتلۇقلايمىز. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار چەكلىك شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلار ئارا جەم بولۇشۇپ نىسپىي خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ پەيتلەردە چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھېيت-ئايەمدە ھەسسىلەپ ئۆرلەيدىغان پىغانلىرى، سېغىنىش ئوتلىرىنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا.

«كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك، چەتئەللەردىمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇر جامائىتى شەكىللەندى ۋە ھېيت- ئايەملەردە نامازلارنى بىر گە ئوقۇشىدىغان ۋە ئوز-ئارا ھېيتلىشىپ، ھال مۇڭ بولۇشۇپ، ۋەتەن، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-يار بۇرادەرلەردىن ئايرىلىش ھىجرانلىرىنى بېسىشتا ئۈلپەتلىشىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بۈگۈن يورۇق ساھىللار سەھىپىمىزدە شۇ خىل سېغىش ھەسرەتلىرى ئىپادىلىگەن شېئىر، ناخشا ۋە سۆھبەتلەرنى ئاڭلىتىمىز.