قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى 1962 - يىلى يۈز بەرگەن كۆچ - كۆچتە ئۆزىنىڭ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا چېگرادىن ئۆتۈپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنىگە ئاياق باسقانلىقى، مۇساپىرچىلىقنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە كۆپلىگەن ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە شۇلارنىڭ ئاتىدارچىلىق قىلىشى بىلەن ئۆزىگە ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتكەن ئۇيغۇر قىزى خەيرىنىسا بىلەن نىكاھلىنىپ بەختلىك بىر ئائىلە قۇرغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار ئوسمان تۇردىنىڭ چېگرادىن سالامەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاكىسىنى ئىزدەپ چېلەك ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى ھەمدە بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىدا بولسۇن.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ھەر شەنبە كۈنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان يورۇق ساھىللار سەھىپىمىزنىڭ «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» قىسمىدا داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.
0:00 / 0:00