خوتەندىن ياۋروپاغىچە: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆز سالاھىيىتىنى تېپىۋېلىش (3)

يېڭى ئەسىرگە كىرىپلا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش دولقۇنلىرى بىلەن سىياسىي ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەن پاكىستاندا باشقا مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قۇربانجان مۇداشمۇ ۋەھىمە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىتاي بىلەن يوشۇرۇنچە ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلغان پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرەپ - تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ مەخپىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلايدۇ.

0:00 / 0:00


شۇ ئارىلىقتا قۇربانجان ئۆزىنىڭ يېقىن قېرىنداشلىرىدىن مۇھەممەت توختى ۋە ئابدۇۋاھاپ قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىگە ۋە ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىغا شاھىت بولىدۇ. ئۇلار بۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ 15 كۈندەك سۈرۈشتۈرۈپمۇ ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايدۇ. ئاخىرىدا پاكىستان پارلامېنتىدا 3 - چوڭ پارتىيە ھېسابلانغان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق كۆرۈشكەندە ئۇلاردىن: «بىز خىتاي بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتكە ئىگە دۆلەتمىز. خىتاي تەرەپ ھېلىغۇ ئۆز گراژدانلىرىنى تەلەپ قىلىپتۇ، ئەگەردە پاكىستاننىڭ بىر گراژدانى بىزگە لازىم دېسە، ئۇنىمۇ بېرىمىز» دېگەن جاۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇربانجان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

شۇ كۈندىن باشلاپ پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرەپ - تەرەپكە يول تېپىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. قۇربانجانمۇ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ جاۋاب كەلگۈچە بولغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ پاكىستاندا ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولىدۇ. پاكىستان خەلقىنىڭ گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن قوشنا بولغان بىر جۇغراپىيىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈزۈك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينى بەكمۇ چوڭ بىلىدىغانلىقى ھەمدە خىتاي - پاكىستان ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئىش بىرلىكىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ. ئۇ پاكىستان بالىلىرىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە تەشۋىق قىلىنىدىغان «چىنى (خىتاي) دوست، ھىندۇ دۈشمەن» دېگەن تەربىيىدە چوڭ بولىدىغانلىقىنى، يەرلىك خەلقىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى تەشۋىقاتلىرىغا شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن پاكىستانغا چىققان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئوقۇغۇچىلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پاكىستاندىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۇڭگانلار ئالىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئالالمايدۇ. چۈنكى مەكتەپ ئورۇنلىرى ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىشنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەۋسىيە خېتىگە ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى قارمىقىدىكى مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ رەسمىيەتلىرىگە باغلاپ قويغان. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلمەيدۇ، تۇڭگان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇنداق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس. ئۇندىن باشقا، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى پاسپورت بەرمەسلىك، پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشقاندا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرمەسلىك، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوقۇشقا كىرىشتە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بەرمەسلىكتەك ئۇسۇللار بىلەن قىينايدۇ. ئامما بۇ خىل قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېچ بىرى تۇڭگانلار ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ئەلچىخانىسى ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا سالىدۇ….»

يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تەڭسىزلىكلەرگە شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك جەھەتتىن خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلگەن قۇربانجان مۇداش ئاخىرى شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ۋىزىسىغا ئېرىشىپ، پاكىستان ۋە ئىراندىكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئىشخانىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامان - ئېسەن چېگرادىن چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پاكىستاندىكى 8 يىلغا سوزۇلغان مۇساپىرلىق ھاياتى ۋە باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئىشلەنگەن ساختا كىملىكىدىن قۇتۇلۇپ، شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ ھۆر ئەلدە ئۆزىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ.