ئېلىخان تۆرە ساغۇنى ھەققىدە
2011.10.22
دادىسى شاكىرخان تۆرە چوڭ ئوغلى ئالىمخان بىلەن ئېلىخاننى مەدىنىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. مەدىنىدىكى ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ بۇخارا مەدرىسىلىرىدە داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىرگە تېۋىپلىقنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن. 1916 - يىلى توقماق تەۋەسىدىكى چار پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئېلىخان تۆرە 1920-يىلى قەشقەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. قەشقەردىمۇ تۇرالماي قايتا ۋەتىنىگە قايتقان ۋە توقماق شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتكە ئىمام بولغان. 1922-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ بىر ئاي تۈرمىدە ياتقان. 1930- يىلى 11-ئايدا تۆت ھەمراھى بىلەن غۇلجىغا قاچماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قالغان. ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا كوچىلاردا پايلاقچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاڭغاندا، رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئون يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. پۇرسەت تېپىپ تۈرمىدىن قېچىپ، تۇڭگانلارنىڭ ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئاخىرى غۇلجىغا ئۆتۈپ كەتكەن.
غۇلجىغا كەلگەندىن ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە تېۋىپلىقى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭ ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. 1937-يىلى جاللات شېڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنى قولغا ئالغاندا تۆرەمنىمۇ قولغا ئالغان. 1941-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1944-يىلى ئېلىخان تۆرەم غۇلجا ئىنقىلابىنى قوزغاشقا قاتنىشىپ، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1945-يىلىنىڭ بېشىدا ھۆكۈمەت تۆرەمگە مارشال ئۇنۋانىنى بەرگەن.
1946-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئوتتۇز يىل نەزەربەند قىلىنغان. بۇ جەرياندا ئەھمەد دانىشنىڭ «نەۋادىرۇل ۋاقىئە»، دەرۋىش ئېلى چاڭنىڭ «مۇزىكا رىسالىسى» ۋە «تۆمۈر تۈزۈكلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. 1959-يىلى «تارىخى مۇھەممىدى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىققان ۋە «دىۋانى ساغۇني» دېگەن شېئىرلار توپلىمى، «شىفائۇل ئىلەل» ( كېسەللىكلەر داۋاسى) ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، تۈرك خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلغان ئېلىخان تۆرەم 1976-يىلى 2- ئاينىڭ 28-كۈنى 91 يېشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن.
«ئانا يۇرت»
بۈگۈنكى «يورۇق ساھىللار» پروگراممىمىزنى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ: «ئانا يۇرت» ناملىق ئەسىرىدىن قىسقىچە نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن باشلايمىز:
ئۇزۇندىن بېرى ئۇيەر-بۇيەردە غۇدۇڭشىپ يۈرگەن غۇلجا يۇقىرى تەبىقە زاتلىرى مانا ئەمدى بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، چىرىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرمىسا كۈن كۆرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. شۇڭا غۇلجا كاتتىلىرى «ئىپتار» نامى بىلەن مۇشۇ چوڭ ئىش ئۈستىدە پىكىرلەشتى. لېكىن بۇ يەرگە كەلگەن كاتتىلار كۆپرەك كۆز ئالدىدىكى قوراللىق ئىنقىلابنى سۆزلىمەي، كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان ھاكىمىيەتنى سۆزلەشتى:
- ئەنجانلىقلار بىزگە باش بولامدىكىنا؟ ياق، بۇ خەقتە ۋاپا يوق!
- شېڭ شىسەيدىنغۇ ياخشىدۇ، نېمىلا دېگەنبىلەن بىز خەقتىن ئېلىخان تۆرىدەك دانا چىقمايۋاتسا!
- غوجامچۇ؟
- ئەنۋەر مۇسابايوفچۇ؟
- ئابدۇرۇپ مەخسۇمچۇ؟
- ئۇلار قانداق بولالايدۇ؟
كۆپچىلىك!-دېدى كەكە ساقال، ئورۇق، تىلى ئۆتكۈر ئادەم ئۆزبېكچە سۆزلەپ:
-يۇرتنى يۇرت ئۆزى سورايدۇ. ئىنقىلاب غەلىبە قىلسا، ئىنقىلاب ئۆزى داھىي، سەردار، ئەمىر-سۇلتانلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بايراقنىڭ رەڭگى، بولىدىغان ئەمىرنىڭ نامى-ئەمەللىرىنى ئىستىقلال غەلىبىسىدىن كېيىن تالىشىمىز تېخى. ئۇنتۇمايلى، بىزدە مەقسەت بىرلىكى نېمە؟ ھازىرقى چىرىك، زالىم ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش. بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئەلۋەتتە قارشى ئەمەس. ھازىرقى گەپ، بىز نېمە قىلالايمىز، شۇنى دېيىشەيلى. جەڭ مەيدانىغا ھەربىرىمىز بارمايمىز، قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. قولىمىزدىن كېلىدىغىنى بىزنىڭ مەقسەتلىرىمىز ئۈچۈن جېنىنى ئاتا قىلىدىغان ياش ئەزىمەتلەرنى قوزغاش، قولىغا قورال تۇتقۇزۇش، ئۇلارغا مەدەت بېرىپ جەڭگە ئاتلاندۇرۇش. مەن قىلالايدىغان ئىشىمنى دەپ باقاي! مەن ياش ئەمەسمەن، ئەمما مىلتىق ئاتالايمەن، پالتا چاپالايمەن. ئاللا تائالا تابارەك غازات قىلالمىغان مۇسۇلمان مېنىڭ سادىق بەندەم ئەمەس دېگەن. مەن سادىق بەندە ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايمەن. جېنىم غازاتقا تىكىلدى، قولۇمغا قانداق قورال چىقسا، شۇنىڭ بىلەن دۈشمەنگە ئېتىلىمەن، ئۆلسەم شېھىت، قالسام غازى!
-مەن ئاللاھ تائالا تابارەكنىڭ سادىق قۇلى. مەن ئۇنىڭ قۇللىرى خارلىنىۋاتقان بۇ زېمىندا ئىستىقلال قىلىپ، زالالەتنى گۇم قىلىش ئىستىكىنى ئىگەم ئۆزى دىلىمغا سالدى. مېنىڭ جېنىم ئىستىقلالغا مەنسۇپ، نام-مەنپەئەت، يۇقىرى-تۆۋەنلىك تالاشمايمەن، جېنىمنى، قولۇمدىكى يىگىرمە سەر ئالتۇنۇمنى، يەنە ئىككى ئوغلۇمنى ئىستىقلالغا ئاتىدىم. بىر ھەپتىگىچە ئۆزۈمگە ئوخشاش غازات ئەھلىدىن يۈزنى تەييارلاشقا قەسەم بېرىمەن، يىقىلسام ئوڭدا ياتىمەن، ھەرگىز دۈمبەمگە ئوق تېگىدىغان ئىشنى قىلمايمەن.
ئۆيدە لىق ئولتۇرۇشقانلار دۈررىدە ئورنىدىن تۇردى. ئۇلار ھاياجانلانغان، جىددىيلەشكەنىدى...
مانا بۇ دانا كىشى دەل ئېلىخان تۆرە ئىدى. بۇ كىشىنىڭ بىر ئېغىز لىللا گپى بىلەن غۇلجىنىڭ كاتتىلىرى پىكىردە بىرلىك ھاسىل قىلىپ، ھەممىسى ئۆز لايىقىدا ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى ۋە ئىستىقلال كۈرىشى ئۈچۈن ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى بىجانىدىل ئورۇنداشقا ۋەدە بېرىپ، سورۇندىن تارقىلىشتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! بۈگۈن سىلەرگە ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق مول بىلىمى، تىرەن پىكىرلىرى، پاساھەتلىك سۆزلىرى، ئۈستۈن نۇتۇق قابىلىيىتى، ھاياجانلىق سۆز -ئىبارىلىرى ئارقىلىق بارغانلىكى يەردە سورۇن ئەھلىنى قايىل قىلىپ، ئارىدىكى پىكرىي نىزالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەددىنى يەنە بىر قېتىم رۇسلاپ، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش كۈرىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئۇلىنى سالغۇچى ئېلىخان تۆرەم ساغۇنىنى تونۇشتۇرماقچى ۋە ئەسلەپ ئۆتمەكچىمىز.