جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تۇغۇلۇشى

جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تارىخىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىسلاھات دولقۇنىدۇر. جەدىدچىلىك ئۆز مەنىسى بىلەن «تەرەققىيات»، «مەدەنىيەت» ۋە «زامانغا ماسلىشىش» نى ئاساسلىق نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە قىرىمدىن ھىندىستانغىچە، ئاناتولىيىدىن تارىم بويلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تېررىتورىيىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر مەيدان مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى قوزغىغان دەۋر بۆلگۈچ ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.

0:00 / 0:00


19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە ئىسلاھاتچى ئىسمائىل غاسپىرالى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپ قىرىمدىكى ئىسلام مەدرىسىلىرىدە سىستېمىلىق تەربىيە ئالغاندىن كېيىن سەپەرگە ئاتلىنىپ رۇسىيىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل بىلىم ئالىدۇ. ئاندىن ياۋروپا بويلاپ ساياھەت قىلىپ جاھان ئۆزگىرىشلىرىگە نەزەر سالىدۇ. فرانسىيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئوقۇيدۇ كېيىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوسمان سۇلتانلىقى تەۋەسى ئارقىلىق ۋەتىنىگە قايتىدۇ. 1887 - يىلى قىرىمغا قايتىپ كەلگەن غاسپىرالى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆز يۇرتى باغچەسارايدا «ئۇسۇلى جەدىد» مائارىپىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ. غاسپىرالى باشلىغان «ئۇسۇلى جەدىد» مائارىپى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى مەدرىسە مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇنىڭ پروگراممىسىغا دۇنياۋى يېڭى پەنلەرنى كىرگۈزۈش، شۇنداقلا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بولۇپ، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قىرىم يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا كېڭىيىدۇ. بولۇپمۇ رۇس مۇستەملىكىسى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى رۇس مەدەنىيىتىدىن كېلىۋاتقان شىددەتلىك خىرىس ۋە ئەنئەنىۋى مەدرىسە مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان جىددىي كرىزىس تۈپەيلى غاسپىرالى تەشەببۇس قىلغان «ئۇسۇلى جەدىد» مائارىپىغا ئۈمىد باغلايدۇ. غاسپىرالىنىڭ «تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» شوئارى ھەمدە بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى ئورتاق تۈركى تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «تەرجۈمەن»، «شۇرا»، «ۋاقىت» ۋە «تىل يارىش» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۈتكۈل تۈركىي تىلىدىكى خەلقلەرگە تېزلىكتە تارقالدى. 1905 - يىلىدىكى روسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدە «ئۇسۇلى جەدىد» مەكتەپلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ، يېڭى ئەۋلاد مىللىي زىيالىيلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھمۇت خوجا بەھبۇدى، مۇنەۋۋەر قارى، ئابدۇللا ئەۋلانى، ھەمزە ھېكىمزادە نىيازى، چولپان، فىترەت قاتارلىق جەدىدچىلىك ئېقىمىدىكى زىيالىيلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەنىۋى ئويغىنىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى.

مەنچىڭ خانىدانلىقى بىلەن خىتاي مىلىتارىستلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا جاھان يېڭىلىقلىرىدىن بىخەۋەر قالغان ئۇيغۇر ۋەتىنى جەدىدچىلىك ئېقىمى ئېلىپ كەلگەن يېڭى دولقۇننىڭ تەسىرىدە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. تەرەققىيپەرۋەر مۇسابايلار ئائىلىسىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا دەسلەپ ئاتۇشتا ئاندىن ئىلىدا «ئۇسۇلى جەدىد» مائارىپىنىڭ مەشئىلى يېقىلدى. تۇرپان ئويمانلىقىدا بولسا مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانلىرى قىيىنچىلىق ئىچىدىن يول تېپىپ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇردى. قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، ئاقسۇدا موللا مۇسا سايرامى، تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئىلى - يەتتەسۇدا نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت قاتارلىق بىر يۈرۈش مىللەت سەرخىللىرى ئىلىم - مەرىپەت ئارقىلىق ئاۋام خەلقنى ئويغىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كلاسسىك دەۋردىن ھازىرقى زامان دەۋرىگە ئۆتۈشتىكى مۇشەققەتلىك جەريانى باشلاندى. بۇ جەريان قانچىلىغان مىللەتپەرۋەر مائارىپچىلارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ۋە ئىسيانكار سەرخىللارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە داۋاملاشتى. ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەخسۇت مۇھىتى، مەمتىلى تەۋپىق، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى قاتارلىق بىر قاتار بالدۇر ئويغانغان سەرخىللارنىڭ ھاياتى بۇ يولغا تەقدىم قىلىندى.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە «ئۇسۇلى جەدىد» مائارىپى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللىي مائارىپىمىز دۇچ كەلگەن ئېغىر كرىزىس ئىچىدە بىخ سۈردى. زو زۇڭتاڭ 1877 - يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى قايتا مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن مەنچىڭ خانىدانلىقى «شىنجاڭ» ئۆلكىسى تەسىس قىلىپ، قانداق قىلغاندا بۇ زېمىننى تىنچ تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە چارە ئىزدەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئانا تىللىق مائارىپنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەرنى دەسسىتىش ئارقىلىق مەنىۋى جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە يۈرگۈزۈشكە باشلايدۇ. خىتاي تىلىدىكى«شۆتاڭ» مائارىپى ئەنە شۇنداق سىياسىي ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار يۇرتىغا يامراشقا باشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە بىلەن شۋېتسىيىنىڭ دىن تارقىتىش گۇرۇپپىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا خرىستىئان دىنىي مەكتەپلىرىنى كەينى - كەينىدىن تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشنى نىشان قىلىدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن مىللەتنىڭ مائارىپىغا كېلىۋاتقان قوش بېسىم چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان تەرەققىيپەرۋەر سەرخىللىرىمىزغا مىللىي مائارىپىمىزدا جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلىدىن يېلىنجىغان «ئۇسۇلى جەدىد» مائارىپى ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىنى بويلاپ، قاتمۇ - قات ئىسكەنجە ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

ئابدۇقادىر داموللام مەردانىلىك بىلەن «بۇ زامان غەپلەتتە ياتقانلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئويغاقلارنىڭ زامانىدۇر!» دەپ خىتاب قىلدى. «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى تۇنجى قېتىم قوللانغان نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ جاھالەت» دەپ كۆرسەتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەسرەت بىلەن «ئىلىم - پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت خەۋپ - خەتەر، ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن» دەپ نىدا قىلدى. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئاخىرقى تىنىقىدا «بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام، ئۈزسە خەلقىم بوينىدىن قۇللۇق كىشەن - زەنجىرىنى» دەپ توۋلىدى. مەمتىلى تەۋپىقمۇ «سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز» دەپ قەسەم ئىچتى.....

بىر ئەۋلاد قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە مەرىپەت مەشئەللىرىنىڭ تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرى نەتىجىسىدە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان «ئۇسۇلى جەدىد» مەكتەپلىرى بارلىققا كېلىدۇ. تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە نوشۇرۋان يائۇشېف، ھەيدەر سايرانى، گۆلەندەم ئابىستەي قاتارلىق تاتار مائارىپچىلىرى بىلەن ئەھمەد كامال ئىلكۇل كەبى ئوسمانلى تۈركلىرىدىن يېتىشىپ چىققان سەرخىللار مۇسابايلار ئائىلىسى بىلەن مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇزاق باياۋانلارنى كېزىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاج تېپىشىغا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئابدۇقادىر داموللام، نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ۋە موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق بىلىم ئادەملىرىمىز قازاندا نەشر قىلىنىۋاتقان «شۇرا»، «ۋاقىت» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كۈندىلىك ئىجتىمائىي ھاياتى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، ۋەتەنداشلارغا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ۋە مىللىي قەدىرىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى.

جەدىدچىلىك ھەرىكىتىدىن قوزغالغان بۇ بۈيۈك مىللىي ئويغىنىش دولقۇنى 1930 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي قۇتۇلۇش يولىدىكى داغدۇغىلىق خەلق ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.