ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟

يېقىندا مەلۇم بىر تور بەتتىكى: «ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر يازمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە ناھايىتى جىددىي قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ، بۇ يازمىنى ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتىم. يازمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدىغان، كىتاب ئوقۇشنىمۇ خالىمايدىغان، ھەتتا كىتابتىن نەپرەتلىنىدىغان، قالاق، نادان مىللەت بولۇپ، كىتاب ئوقۇمايدىغان بىر مىللەتتە يېڭى بىر ئىدىيە، ئاڭ، ھايات پەلسەپىسى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ، مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزگەنلىكى ۋە ناھايەت مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبنى تېپىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپتۇ:

0:00 / 0:00


1. بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ «ئۇلۇغلۇقى» سەۋەبىدىن ئۆزىدىن تۆۋەن «چۈپرەندىلەر» يازغان كىتابنى ئوقۇپ يۈرمەيدىكەن ھەم ئۆزلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا موھتاج دەپ قارىمايدىكەن. ھەتتا پېشقەدەم ئالىم - ئۆلىمالار ئۆزى بىلىدىغان ئىلىمنى باشقىلارنىڭمۇ بىلىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، قولتۇقىدىكى زەللىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پايدىلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ئۆلگۈدەك قارشى تۇرغانمىش.

2. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار بولسا، پۇلىنىڭ كۆپلۈكى، بايلىقىنىڭ ھەددى - ھېسابسىز ئىكەنلىكى ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيدىكەن.

3. ئۈچىنچى تۈرلۈك ئۇيغۇرلار ساۋاتسىز، نادان، قالاق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار كىتابنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

يازمىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتور ئۆزىنىڭ كىتابخۇمار بىرى ئىكەنلىكى، قولىغا چىققان ھەرقانداق كىتابنى ئوقۇماي قويمايدىغانلىقى، ھەتتا ئۆزى چۈشەنمەيدىغان تىللاردا بولسىمۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالغان كىتابلارنى چوقۇم يىغىپ، ساقلاپ قويىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ ئۆتۈپتۇ.

بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئانچە كۆپ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا، ئاپتورغا بىر نەچچە جۈملە بىلەن بولسىمۇ جاۋاب بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.

ئالدى بىلەن، بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرى، سۆز - ھەرىكىتى، بىر نەرسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كىتاب - ماتېرىيال كۆرۈشىمىز، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات تېمىلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈشىمىز، ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىمىز، مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى، ھازىرقى سىياھى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز لازىم. ئۇنداق قىلماي، مەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ مۇنچە تۈرلۈك خۇلاسىگە كەلدىم دەپ، ئاساسسىز گەپنى يېزىپ ئولتۇرساق، سىزدەك كىتابنى قەدىرلەيدىغان، كىتاب ئوقۇشنى ھاياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارايدىغان بىر ئۇيغۇرغا تازا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەت بولسا، بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يىراق ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقساقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇشقا خىر ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى مانا مەن دەپلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

كېلەيلى، سىز تىلغا ئالغان ئاتالمىش «ئۇلۇغ»لىرىمىزغا! بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغلىرى كىملەر؟ ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ئۇلۇغلار كىملەرنى كۆرسىتەتتى، بىز ھازىر كىملەرنى ئۇلۇغلىرىمىز دەپ بىلىمىز؟ سىزنىڭ يازمىڭىزغا قارىغاندا، بىزنىڭ ھازىرقى ئۇلۇغلىرىمىز باشلىقلار، مەنسەپدارلار، ھوقۇقدارلار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ «ئادىل» سىياسىتىگە تايىنىپ، «سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا دادىل قەدەملەر بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلار»... شۇنداقمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئەگەر راستىنىلا شۇنداق بولسا، بۇلاردىن ئاغرىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۇلارنى كىم ئۇلۇغ قىلىپ قويدى؟ ئۇلارغا مەنسەپنى، ئورۇننى، مەرتىۋىنى كىم تارتۇق قىلدى؟ ئۇيغۇر خەلقىمۇ؟ ياق! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمنى ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ چىققۇدەك كۈچى، ھەققى - ھوقۇقى يوق. ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رايىغا قويۇپ بېرىدىغان بولسا، بۇ ئۇلۇغلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللىبۇرۇن سۈپۈرۈپ، كونا سامانلىققا دۆۋىلەپ قويغان بولاتتى. بۇنداق قارا قورساق، چالا ساۋات مەنسەپدارلارنىڭ پەقەت شۇ مەنسەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلغانلار ئۈچۈنلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئېنىق بىلىمىز. شۇڭا ئۇنداقلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقى ئېنىق. ئەمما بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، بۇنداقلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ ھازىرقى مەمۇرىي ئورگانلاردا بۇنداق ئۇلۇغ ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىكى بار؟ كىچىككىنە بىر ئىشقا پىچىقى ئۆتىدىغان كاتتىۋاشتىن قانچىنى تاپقىلى بولار؟ بۇلارنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟...

ئەمدى سىز دېگەندەك دىنىي كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ئۆلگۈدەك قارشى چىققان ئاتالمىش ئۆلىما، دىنىي زاتلارغا كەلسەك، سىز بۇنداق ئالىي مەلۇماتلىق ئۇچۇرنى كىمدىن ئالدىڭىز؟ تارىخىمىزغا قايسىبىر دىنىي زات، مۆتىۋەر ئالىم دىنىي كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا قارشى چىقىپتۇ؟... بۇنداق كاتتا ھۆكۈملۈك بىر جۈملىنى تەپتارتماي يېزىپسىز - يۇ، شۇنداق قىلغان دىنىي زاتتىن بىرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ قويماپسىز. دېمەككى، بۇ سۆزنىڭمۇ قىلچە ئاساسى يوق. تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار تاكى بۇددا، شامان دىنلىرىدىن تارتىپ، ئىسلامىيەت بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ كىتاب - دەستۇرلىرىنى تەرجىمە - تەپسىر قىلىشتا ناھايىتى چوڭ كۈچ چىقىرىپ كەلدى ۋە نۇرغۇنلىغان كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنى نەچچە قېتىملىق تارىخىي بۇزغۇنچىلىق جەريانىدا كۆيدۈرۈۋېتىلدى، يوقىتىۋېتىلدى، يىرتىۋېتىلدى ياكى مۇسادىرە قىلىندى. ئەڭ ئەقەللىيسى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كىرىمى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى مىسال قىلىپ ئۆتىدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز پەقەت 1980 - يىللىرىدىن كېيىن نەشردىن چىققان نۇسخىسىنىڭلا بارلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە قىلىنغان ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت 19 - ئەسىرنىڭ ئىچىدىلا «قۇرئان كىرىمى» ئاز دېگەندىمۇ بەش قېتىم تەرجىمە قىلىندى، لېكىن ھەممىسى زالىملار تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلدى. پەقەت 80 - يىللارغا كەلگەندىلا، سىياسەتتىكى ئازغىنە يۇمشاش سەۋەبى بىلەن، بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشەلىدى. بۇنىڭدىن باشقا كىتابلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقىدىن، بىزدە ھازىرغىچە ماتېرىيال تولۇقلىنىپ بولمىدى. ئەمما بۇ قانداقتۇر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ كىتاب تەرجىمە ئىشىغا قىلغان قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا بەزىبىر نائىنساب، بىر ئىمان چالا موللىلارغا دۆڭگەپ قويۇلدى. بۇمۇ بىزگە دىننى، دىنىي زاتلارنى، پەزىلەتلىك ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزنى سەت كۆرسىتىپ، ئۇلاردىن ۋە دىندىن نەپرەتلىنىشىمىزگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان سىياسىي قىلتاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، مانا ھازىر ھۆكۈمەت ئۆزى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن سىياسىي موللىچاقلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئېھتىياجى بولمىغان يېڭى قوشۇن پەيدا بولۇۋاتماقتا. ئەينى ۋاقىتتا ئۆلىمالارنى ياراتمىغانلار بۇ يېڭى قوشۇننىڭ سىياسىي پەتىۋالىرىغا نېمە دەيدىكىن؟