«قانداق قىلغاندا بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟»

بىر ئاقىل توختىماي قىلاتتى خىتاب: كىتابسىز ئىنسان ئۇ ئەما ھەم بىتاب...
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز باتۇر
2012.12.22
kitab-oqush-bayrimi-305.png ئۇيغۇر ئىلىدىكى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى خاتىرىلەپ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
Public Domain


بىر ئاقىل توختىماي قىلاتتى خىتاب:
كىتابسىز ئىنسان ئۇ ئەما ھەم بىتاب.
سورىدىم: ئەملەشنىڭ چارىسى نېمە؟
ئۇ دېدى: كىتابتۇر، كىتابتۇر، كىتاب.

شۇنداق دوستلار! كىتابسىز مىللەت، كىتابسىز جەمئىيەتتە كىتابسىز كىشىلەر بىلەن بىللە ياشاش - ئىلىمخۇمار، كىتابسۆيەر ھەرقانداق كىشىنى قاتتىق ئازابلىسا كېرەك. ئىنسان بەزىدە «كىتابسىز دىن» لارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئويلىسىمۇ تېنى شۈركۈنۈپ، ئۇ ئىنسانلاردىن سەسكىنىش ھېس قىلىدۇ. دېمەككى كىتاب ھەر ئىشنىڭ بېشى، ھەربىر ئىمارەتنىڭ ئۇلى. ئەمما كىتاب بار تۇرۇپ، ئۇنى ئوقۇماسلىق، پايدىلانماسلىق، شۇ ئارقىلىق ئۆز دەردىگە داۋا قىلماسلىقتەك ناچار خاھىش پۈتۈنلەي شۇ ئىنساننىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىدا ئائىلىسىدىن ئالغان تەربىيىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەرقانداق ئاتا - ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بىلىملىك، ياراملىق، قابىلىيەتلىك چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ - ئەلۋەتتە. ئەمىسە بىر ئىنسان تېخى ئۆسمۈر چېغىدا ئىكەن، كىتاب ئوقۇشقا قانداق قىزىقتۇرۇلىدۇ؟ ئۇنى قانداق قىلغاندا ئەتراپلىق يېتىلگەن، كىتابخۇمار قىلىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ، كۆپىنچە ئاتا - ئانا، ھەتتا شۇ دەقىقىلەردە رادىئومىزغا قۇلاق بېرىۋاتقان تىڭشىغۇچى دوستلىرىمىز جاۋاب ئىزدەۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولسا كېرەك. ئۇنداق بولسا، بارلىق زېھنىڭىز ھازىر ئاڭلىتىلىدىغان: «قانداق قىلغاندا بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە بولسۇن. بۇ ماقالىنى دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار يازغان بولۇپ، پروگرامما تەھرىرىمىز «ھىلال» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن ۋە باتۇر ئاۋازغا ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.