كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 1

0:00 / 0:00

ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى 1980 - يىللاردا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە مىللىي تەرەققىيات، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولغانىدى. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ستۇدېنتلار جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتايدىكى ئىسلاھات دولقۇنىدا ئۆز مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېاللىقى، تەرەققىيات قەدىمى شۇنداقلا كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشقا باشلىغانىدى.

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەمدە بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرى ھەرقايسى كەسىپلەردە بىلىم ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت مەسىلىرلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشنى ئۆز ئىزدىنىشلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە قويغانىدى. ئەنە ئاشۇ داۋالغۇپ تۇرغان يىللاردا ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن دولقۇن ئەيسا قەلبىگە ئاجايىپ ئارمانلارنى پۈكۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ.

بۈگۈن ھاۋا دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلىۋاتقان دولقۇن ئەيسانىڭ ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش دەل ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى يىللىرىدىن باشلىنىدۇ.

دولقۇن ئەيسا 1967 - يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى ئاقسۇ شەھىرىدە بىر ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئاىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە ئاشلىق ساقلاش ئىنژېنېرى، ئانىسى سودا - ساناەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغان ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. دولقۇن كىچىكىدە ئاتا - بوۋىسىنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان كەلپىندە چوڭ بولىدۇ ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىغىچە كەلپىندە ئوقۇيدۇ. كېيىن ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بوۋىسى مەمەت ھاجىم 1930 - يىللاردا كەلپىن ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان كىشى بولۇپ، 1937 - يىلى ئابدۇنىياز كامالنىڭ شېڭشىسەيگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئىز - دېرەكسىز غايىب بولىدۇ.

كەلپىن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يۇرت ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە سۇ ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قىس بولۇشى، ئولتۇراق نوپۇسنىڭ جىددىي كېڭىيىشىگە بولغان مۇھىت ۋە جۇغراپىيىلىك چەكلىمىلىكلەر سەۋەبىدىن سىرتتىن كېلىدىغان ئاقما نوپۇسنىڭ ئورۇنلىشىشىغا زور ئىمكانىيەت بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن كەلپىن خەلقىمۇ چەكلىك داىرە ئىچىدە مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇپ كەلگۈسى چىقىش يولىنى سىرتقى دۇنيادىن ئىزدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسامۇ بالىلىق مەزگىلىدە كەلپىندىكى ئەنە ئاشۇ ئۆزگىچە مۇھىتتىن بەھر ئېلىپ چوڭ بولىدۇ.

ئۇ 1984 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە مىللىي مەدەنىيەت قايتا ئويغىنىشقا باشلىغان، ئۇنىۋېرسىتېتلەردە ئىلمىي كەيپىيات جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يىللار بولۇپ، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەن دولقۇننىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ. 1985 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى يۈز بېرىدۇ. بۇ نامايىشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان دولقۇن ئەيسا مىللىي ئۇيۇشۇش ۋە خەلق كۈچىنىڭ غايەت زور ئۈنۈمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەققانىي تەلەپلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ رەت قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئاتالمىش ئاپتونومىيە ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يېتىدۇ.

1986 - يىلىدىن باشلاپ دولقۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ پەن - مەدەنىيەتنى ئومۇملاشترۇش ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئارىسىدا ئويغىنىش ھەرىكىتى قوزغاش ئىشىغا تۇتۇش قىلىدۇ. شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدا كۆرۈلگەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مىللىي تەڭسىزلىكلەر شۇنداقلا كەڭ جاماەتچىلىك ئارىسىدىكى مىللىي تەرەققىياتقا بولغان جىددىي تەلەپلەر ئۇلارغا ئىلھام بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتەتلەردە ئىلمىي ۋە مىللىي كەيپىياتنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، مىللىي ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، تونۇلغان بىلىم ئىگىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلەردە لېكسىيىلەردە بولۇشى ياش ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ زور ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا دولقۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى غوللۇق ئوقۇغۇچىلار ھەمدە مىللىي بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ياشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇيۇشما قۇرۇش ئىشىغا جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ.

(داۋامى كېيىنكى ساندا)