دولقۇن ئەيسا 1988 - يىلى 15 - ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبېيكتى سۈپىتىدە كۆپ قېتىم سوراق قىلىنىدۇ.
بولۇپمۇ مىللىي ۋىجدانغا ئىگە، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوغدىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋاڭ ئېنماۋ قاتارلىق كومپارتىيە كاتتىۋاشلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتەتىغا كەلگەن ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان دەپ گۇمانلانغان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئارام بەرمەي سوراق قىلىشقا باشلايدۇ. دولقۇن ئەيسا، ۋارىس قاتارقلىق ئوقۇغۇچىلار شۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە ئۆيلىرىگە قايتالمايدۇ. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، كەينىگە ئادەم سېلىش، كەچە - كۈندۈز ئارام بەرمەي سوراق قىلىش نەتىجىسىدە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچايدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ماارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جانابىل شەخسەن ئۆزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تارىخ قارىشى ھەمدە مىللىي مەسىلىدىكى «خاتالىقلىرى» نى كۆرسىتىپ تەنبىھ بېرىدۇ.

شۇ يىلى 27 - سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «15 - ئىيۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۈچ يېرىم ئايلىق تەكشۈرۈش ۋە سوراق قىلىش نەتىجىسىدە 13 نەپەر ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىگە چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىلىدۇ. دولقۇن ئەيسا بىلەن ۋارىسقا بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى دەپ قارىلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بۇيرۇق بويىچە چېكىندۈرۈلۈش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەركىن قاتارلىق قالغان 9 ئوقۇغۇچىغا مەكتەپتە قالدۇرۇلۇپ چارە كۆرۈش قارار قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىدىن ئىككى نەپەر كىشى يەنى ئابلىمىت مەمەت بىلەن مەتسەيدى مەتقاسىم سوراق جەريانىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ماسلىشىپ نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى جەريانىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق جازا بېرىلمەيدۇ. ئۈچ ئاي جەريانىدا 82 قېتىم سوراق قىلىنغان دولقۇن ئەيسا بىلەن ۋارىس ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدىلىدۇ.
ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان دولقۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان روھىي بېسىملار ئالدىدا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ھەتتا جەمئىيەتتىكى تىجارەتچىلەردىن تارتىپ ئۇلارغا ھېسسىداشلىق بىلدۈرىدۇ. نىزامىددىن ھۈسەيىن، ھاجى ياقۇپ، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىق بىر تۈركۈم زىيالىيلار دولقۇنغا ھەر تەرەپتىن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئۇنىڭ مىللەت ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قالماسلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن دولقۇن ۋە ۋارىس ئىككىسى بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىش قارارىغا كېلىدۇ.
بېيجىڭ سەپىرى ئۇلارغا ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. بېيجىڭدىكى يۇقىرى قاتلام ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن سەيپىددىن ئەزىزى ۋە ئىسمائىل ئەخمەت قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ئۆزگىچە بىر جاۋاب ئالالمايدۇ. سەيپىددىن ئەزىزى گەرچە ئۇلارغا ھېسسىداشلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇ دەۋردە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسمائىل ئەخمەت ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشى ھەققىدە ھېچقانچە خەيرىخالىق بىلدۈرمەيدۇ. دولقۇن بىلەن ۋارىسنىڭ تاپشۇرغان ئەرزلىرىگە پەرۋامۇ قىلمايدۇ. 1985 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز تەلەپلىرىنىڭ بىرىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل ئەھمەتنى بېيجىڭغا يۆتكىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىغان ئوقۇغۇچىلار ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمدىلىكتە ئىسمائىل ئەھمەتتىن ھېچقانداق سادا چىقمايدۇ. بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن دولقۇن ئاخىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ.
كېيىنچە دولقۇن ئۇستازلىرى ۋە دادىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ھاياتلىق ئۈچۈن سودا - تىجارەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇرغۇن ئەھۋاللارنى چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشىنىدۇ. خەلقنىڭ دەرد - ئەلىمىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما دولقۇن ئۆزىنىڭ سودا - تىجارەت يولىدىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، مىللەتنى ئويغىتىش ۋە تەربىيىلەش يولىدا قانداقلا بولمىسۇن ئىش قىلىش زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يېتىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رېاللىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قالىدۇ.
(داۋامى بار)