0:00 / 0:00
نەشرىياتتىن
«كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن» ناملىق ئەسەر مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان بالايىئاپەتلىك يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن قانلىق پاجىئەلەرنى يېڭىدىن كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. قاراڭغۇ تارىخىمىزنى قىسمەن بولسىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەمما بۇمۇ يېرىم ئەسىرلىك تارىخ ئەمەس، ئۇنىڭدىن پەقەتلا بىر تامچە خالاس….
مۇئەللىپتىن
مېنىڭ پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەتەنداشلىرىمنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا يىللارچە تارتىپ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئېچىپ تاشلاش بىلەن تەڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۆچمەس ئۈمىدىنى نامايان قىلىپ، بۇ كۈرەش ئۈچۈن بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەسسە قوشۇش ئارزۇيۇمدىن بۇ كىتاب-«كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن» دۇنياغا كەلدى….