0:00 / 0:00
بۇندىن ئىككى كۈن بۇرۇن گۇڭشېنىڭ چوڭ زالىدا رەشىدەنىڭ بوينىغا ئاتنىڭ يەم خالتىسىغا تاش سېلىپ ئىنچىكە سىم بىلەن ئېسىپ قويۇپ، ئۇنى ئىككى كېچە قىيناپ كۈرەش قىپتۇ. رەشىدە بىچارە نېمە دېيەلىسۇن! «مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھېچنەرسە يوق، خاتالىقتىن ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتتى» دېگەندىن باشقا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىغۇدەك سۆز قىلالماپتۇ.