«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» (1968-يىلى ئەستىن چىقماس قانلىق 18-ماينىڭ ئەڭ ئاخىرى)

0:00 / 0:00

چوڭ ئەترەت تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق ئادەم بىر ئەر بىر ئايالنى ئاتنىڭ ئالدىغا سېلىپ قامچىلاپ كېلەتتى. قامچىغا چىدىماستىن بىچارە ئايال ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا ئېسىلىپ«ئاغاي، ئاغاي، ئۇرمىساڭچۇ بىزمۇ كەمبەغەل سىنىپ، ھەممىمىز قېرىنداشقۇ!؟» دەپ زارلاپ يېلىنىپ كەتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەپتىدىن ھېچقانداق بىر رەھىم كېلىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى.