0:00 / 0:00
يىللاپ كېسەل تارتقان ئادەمدەك يۈز-كۆزلىرىم ئىششىغان، ئاياق تەككەن يەرلەر كۆپكۆك مۇشتەك ئىششىپ چىققان، چىرايلىرىم سېرىق، كۆز قارام قارا بولۇپ، رەڭگىلىرىم ئۆزگىرىپ باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان ئىدىم. چاچلىرىمنى تارىسام بېشىم غورەك-غورەك بولۇپ ئىششىپ تۇتقىلى قويماي ئاغرىيتتى. كېچە يۇلۇنغان چاچلىرىم قولۇمغا سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.