كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن (ماھىنۇرنىڭ سۇيىقەستى)

بۈگۈن ئادەتتىكى كۈنلەرگە قارىغاندا خېلى قاتتىق ھېرىپ قاپتىمەن،شۇنداق بولسىمۇ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ يۈز-كۆزلىرىمىزنى پاكىز يۇيۇپ، كىيىملىرىمىزنى يۆتكەپ تاماققا كەلدۇق. بىر ھەپتىدىن كېيىن بىزنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ رەتلىدى. بىزنى ئىككىنچى ياتاققا، خىتاي ئاياللار بىلەن بىر قىسىم ئاياللارنى بىرىنچى ياتاققا بۆلدى ۋە چاڭبودىن ئىش باشقۇرغۇچى قىلىپ ساجىدەنى ،سىياسىي ئۆگىنىشكە مېنى، ياردەملىشىشكە ئالتۇنخاننى تەيىنلەپتۇ.

0:00 / 0:00