0:00 / 0:00
ئەتراپتىكى ئىشلەۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى روھسىز، چۈشكۈن، كېسەل بولغان ئادەمدەك ئىشلەپ يۈرەتتى. بولتاي بىلەن سارى جورغا ئىككىسى بىر زەمبىلنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى ئۇلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.
- ۋاي نېمە بولدى، دەپ بولتاينىڭ يۈزىگە ھەيران بولدۇم. يۈزىنىڭ پۈتۈن تېرىسىنى شىلىپ ئېلىپ تاشلىغاندەك گۆش رەڭگىگە كىرىپ قالغان ئىدى.
- يۈزىڭىزگە نېمە بولدى؟ دەپ شۇنچە ئېچىنىپ يۈزىگە قارىدىم.
- بالاموي ئۇردىغۇ، ئۇرۇپ شۇنداق قىلدى دەپ كۆزىگە ياش ئالدى.