0:00 / 0:00
كېسەك قۇيۇپ ئىشلەۋاتاتتىم. ئەترەت باشلىقى قاجاي مېنى باشلاپ ئىسكىلات ئالدىدىكى مەيدانغا كەلدى. ئۇ يەردە ئوندەك قازاق يىگىتلىرى لاي ياساۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغان ئىدى. ئۇلارنى كەتكۈزۋېتىپ ماڭا «مۇشۇ لاينى ئەتە ئىشلەشكە بولىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىسەن. ياخشى ئىشلە» دەپ جىكىلەپ كېتىپ قالدى.