0:00 / 0:00
مۇشۇ ئىككى يىللىق ھاياتىمنى ئويلىسام ھەقىقەتەن ئۆمرۈم لاي ئىچىدە ئۆتتى. گۇڭشې سېلىشتىكى پۈتۈن كېسەكلەرنىڭ لېيىنى مەن ياساپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئون نەچچە كىشىگە لاي ياساپ چىقىرىپ ھەتتا قول ھارۋىسى بىلەن توشۇپ بېرەتتىم. ئۇندىن تاشقىرى ماڭا كېسەك قويدۇرىدىغان نورمىسىمۇ بار ئىدى.
