0:00 / 0:00
ئىككى تراكتور بىلەن چوڭ ئەترەتكە قايتتۇق. يوللاردا ھەر بىر ئەترەتتە توختاپ خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن تراكتورچىلار چاي ئىچىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەندە، تراكتور ئەتراپىغا يىغىلىپ كەلگەنلەر بۇرۇنقىدەك تىللاپ، ھاقارەتلەپ، تاش - توپا ياغدۇرىدىغان ئىشلىرى يوق، بەلكى ئۇلار سۇ ئېلىپ چىقىپ تراكتور ئۈستىدىكى كىشىلەرگە بېرەتتى. مەن تونۇمايدىغان بىر قانچە كىشى قېتىق، سۈت ئېلىپ چىقىپ ماڭا سۇندى…