0:00 / 0:00
ئەرلەر بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە چوڭ ئەترەتتىكىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە لاي سېلىپ ئىشلەۋاتاتتى. شۇ يەردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، بىزنىڭ يېنىمىزدىكى خەلق ئەسكىرى يۈگۈرۈپ شۇ تەرەپكە كەتتى.
پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان سىڭلىم زەكىيە بىلەن غەيشە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ كۆرۈشۈپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.