كۆز يېشىدا نەملەنگەن زىمىن (24 - ئاۋغۇست: مىللىي ئارمىيىدىكىلەرنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى)
ياڭزى بىلەن ئىككىمىزنى بۇغداي يۇيۇشقا بۆلدى. ئەتىگەن تاڭ يورۇشى بىلەن چىقىپ قۇدۇق بېشىدا كۈنىگە 10 تاغار، ھەر بىرى يۈز كىلو كېلىدىغان بۇغداينى يوغان سىرلىق ئاق داسقا تۆكۈپ ئېغزىغا سۈزگۈچلەرنى قۇيۇپ يۇيۇپ چىقىمىز، چۈشكىچە يېيىپ، ئۇنىڭدىكى تاشلارنى تىرىپ، قۇرۇتۇپ، چۈشتىن كېيىن تاغارلاپ ئىسكىلاتقا قول ھارۋىلار بىلەن توشۇپ ئاپىرىپ، ئەتە يۇيىدىغان بۇغدايلارنى ئۆلچەپ ئېلىپ چىقىپ قويىمىز.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئايگۈل