«كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن» (27 - فېۋرال)

0:00 / 0:00

بىز ياسىغان ھارۋا يولى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان چارۋا ئەترىتىگە يېتىپ كېلىپ قالدى. پۈتۈن ئەترەت خەلقى چىقىپ تاغ ئۈستىدە بىزنىڭ ئىشلىشىمىزگە قاراپ تاماشا قىلىپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن خەلق ئەسكەرلىرىدىن قاپار، ئىبراي، قومارلارنىڭ قانلىرى قىزىپ، سەۋەبسىز چىرقىراپ، قوللىرىغا نەدىن ئالدىكىن ھارۋىكەشنىڭ ئۇزۇن ساپلىق قامچىسىنى ھەر بىرى بىردىن تۇتۇپ ھېچ گۇناھسىز ئىشلەۋاتقان ئادەملەرنى چاراسلىتىپ ئۇراتتى….