0:00 / 0:00
بىر يېرىم ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ چىقتىم. لېكىن بىر ئاي دوختۇرخانىغا كۈندە كېلىپ داۋالىنىپ ھەم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. مەن مەكتەپ مۇدىرى ئايىم ئەزىزغا يولۇقاي دېسەم ئۇ دەم ئېلىشتا ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈشۈشنى ئويلىدىم ۋە ئالىي دەرىجىلىك كادىرلار ھويلىسىغا باردىم.
