«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» (23-فېۋرال: ئاياللار ئەترىتىنىڭ شاباخۇغا كۆچۈشى)

ئەتراپ جىمجىت، بارلىق ئاياللار تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتاتتى. ياتاققا كىرىپ چېلىنغان پۇشتەك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى غودۇڭشىپ تىللاشقا باشلىدى. ھوي بېشىڭنى يەيدىغان قارىغۇ……نېمە ياتاقتا چالىدىغاندۇ، تالادا چالسا بولمامدىغاندۇ، قوتۇر ئاكتىپ ئاۋاق…دەپ تەرەپ-تەرەپتىن تىللاپ كەتتى...

0:00 / 0:00