«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زىمىن» (1969-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى شەنبىنىڭ ئاخىرقى قىسمى: بىرىنچى مەرتىۋىدىكى چوڭ ھەربىي ھالەت)

0:00 / 0:00

بىنا كۆزۈمگە شۇنداق ئىللىق، كۆڭلۈمگە يېقىن كۆرۈندى. شۇ مەكتەپتە ئۆتكەن بالىلىق ۋە ياشلىق ۋاقىتلىرىم، شۇ پەلەمپەيلەردىن دوستلىرىم بىلەن ئۇچقاندەك چىقىپ-چۈشكەنلىرىم، قىزلار بىلەن راھەتلىنىپ كۈلۈشۈپ ئوينىغانلىرىم، مۇئەللىملىرىم، مەكتەپ مۇدىرىمىز، ھەممىسى كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.