0:00 / 0:00ئەتىگەن قاتناش نازارىتىدە ئاپتوبۇس كۈتۈپ تۇراتتىم، كىشىلەر ئارىسىدىن ئەترەت باشلىقى گۈلنىسانىڭ ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىغا باردىم. گۈلنىسا خۇددى بىر دوستنى ۋە قېرىندىشىنى كۆرگەندەك كۆرۈشۈپ ھال سوراپ كەتتى.