«كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن» (1970-يىلى ئاپرېل)

0:00 / 0:00

كەچتە ئىنى-سىڭىلىرىم بىلەن ئۆيدە قىزىق پاراڭدا ئولتۇراتتۇق، ئىشىكنى ئېچىپ ئىككى خىتاي خەلق ئەسكىرى ۋە كەينىدىن دادام ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇكىلىرىم چىقىرىشىپ بېرىپ دادامغا ئېسىلىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. ئۆيىمىز خۇشاللىققا چۆمۈپ كەتتى. ئۇ ئىككى خەلق ئەسكەرلىرى داداڭلارنى ئېلىپ كېلىپ قويدۇق، دەپ چىقىپ كەتتى. كۆڭلىمىزگە بىر ئەنسىرەش كەلدى.