0:00 / 0:00
بۇ يەردە پەقەت كۆمۈر خاڭلىرىلا بار بولۇپ، كۆمۈر كۆيدۈرۈپ كوكۇس ھازىرلاپ شەھەردىكى زاۋۇتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. كۆمۈر چىقىدىغان خاڭلارنى1-،2-،3-نومۇرلۇق قۇدۇق دەپ ئاتايدىكەن، جەمئىي ئالتە قۇدۇق بار بولۇپ، ھەممىسى كوكۇس كۆيدۈرىدىكەن.
بىز يىگىرمە نەچچە ئوقۇغۇچىنى خاڭغا كۆمۈر كولاشقا بۆلدى، قالغان ساۋاقداشلار تاغلاردىن رۇدا كولاشقا كەتتى. ئۇلار تاپقا رۇدا تاشلىرىنى بىز ياتقان گەمە ئۆينىڭ ئالدىغا توشۇپ، دۆۋىلەش بىلەن مەشغۇل ئىدى….