«كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زىمىن» (1971 - يىلى 2 - ئاي)
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈف
2013.10.05
2013.10.05
سالامەتلىگىم ياخشى بولمىغاچقا شەھەرگە كېلىشكە توغرا كەلدى. دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بولۇپ، ئۆيگە كېلىپ تۇرۇشۇمغا ئىشىكتىن سەللاھ ئابىزى كىرىپ كەلدى. سالاملىشىپ :«كۆرمەمسەن، بۈگۈن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىمنى دەي دەپ كەلسەم ئۆزەڭمۇ كېلىپ قاپسەن، بۈگۈن كوچىدا سەن توغرۇلۇق قىززىق بىر سۆز ئاڭلىدىم» دىدى.