مەن كانىكولدا ئۆيگە بېرىپ، ئون تۇرۇپ قايتتىم.
ئوقۇغۇچىلار كانىكول جەريانىدا مەكتەپ تەشكىلىگە «ئايرىم ئوقۇش» ئۈستىدە ئۆتۈنۈش ۋە تەلەپلەرنى يېزىپ ئۆز پىكرىنى داۋاملىق بايان قىلىپ تۇرغان ئىكەن.
لېكىن مەكتەپ تەشكىلى بۇ پىكىرنى رەت قىلىپ، زادى ئايرىم ئوقۇش مۇھىم ئەمەس، ئەگەر ئايرىم ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدىكەنسىلەر، سىلەرگە ئوقۇش يوق، مەكتەپتىن كېتىسىلەر، ئوقۇيمىز دەيدىكەنسىلەر، بىرلىشىپ ئوقۇيسىلەر، بۇ يۇقىرىنىڭ، مەكتەپ تەشكىلىنىڭ بۇيرۇقى، دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ.
61-يىلى ئىيۇن
ئايدىڭ كېچە، پۈتۈن ئەتراپ يوپيورۇق، شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنەتتى. مەكتەپتىكى پۈتۈن بىنالار مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ باققاندەك دەل-دەرەخلەر يازنىڭ يۇمشاق شامىلىدا بىزنى ئەركىلەتكەندەك لىڭشىپ يوپۇرماقلىرى بىزگە شىۋىرلىغاندەك شىلدىرلاپ تۇراتتى. يازنىڭ سالقىن شامىلى يۈزۈمنى سىلاپ ئەركىلەتكەندەك بولۇپ، يۇمشاق چاچلىرىمنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى....