0:00 / 0:00
61-يىل ئاۋغۇست
كانىكولدىن قايتىپ مەكتەپكە كەلسەم، ئالدىمغا بىر توپ ساۋاقدىشىم يۈگۈرۈپ چىقىپ:
__خۇش خەۋەر، خۇش خەۋەر، ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان بولدۇق. ياتاق، سىنىپ، تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىۋەتتى، دېيىشىپ خۇشاللىقىمىزدىن قۇچاقلىشىپ، شادلىق كۆز ياشلىرىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنى تەبرىكلەشتۇق….
ئىزدىنىش
61-يىل نويابىر
مەلىكە ئىككىمىز دەرستىن چۈشۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىچىنى ئايلىنىپ كېلىۋاتاتتۇق، بىزنىڭ كەينىمىزدىن ئابلىكىم بىلەن ئابلىزمۇ يېتىپ كەلدى.
__ قىزلار نەگە ماڭدىڭلار؟-دەپ سورىدى ئۇلار ۋە بىزنىڭ جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتمەستىنلا:
__ بىرەر يېڭىلىقلار بارمۇ؟ يولداشلاردىن خەۋەر ئالالىدىڭلارمۇ؟ بىرەر ئىز-ئورۇننى تاپتىڭلارمۇ؟-دەپ جىددىي قىياپەتتە سورىدى ۋە ئىككىمىزگە تەڭ قارىدى….