0:00 / 0:00
كېچە سائەت ئون يېرىم بولدى، يېتىڭلار دەپ ئىنى - سىڭىللىرىمغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۆزۈم كېچىلىك كىيىمىمنى كىيىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ئورۇنغا كىرىپ ياتقان ئىدىم، ئىشىكنى ئۇرۇپ بىر قانچە ياش قىز - ئوغۇللار كىرىپ كەلدى. بىز شۇ ۋاقىتتا قىزىق بىر سۆز قىلىپ تازا كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتۇق، ئۇلارنى كۆرۈپ كۈلكىمىزنى ئاران توختىتىپ، نېمە ئىشكىن دەپ دىققەت بىلەن ئۇلارغا قاراپ قالدۇق.