«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» (61-يىلى دېكابىر)

0:00 / 0:00

61-يىلى دېكابىر

چۈشتىن بۇرۇنقى 3-سائەتلىك دەرستىن كېيىن، يېڭى يىلغا بېرىلگەن تۆت كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانام ۋە ئۇكىلىرىمنى كۆرۈپ كېلەي دەپ تەييارلاندىم ۋە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن سومكىلىرىمنى ئېلىپ قىزلارغا ئۆيگە بېرىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قۇيۇپ پويىز ئىستانسىسىغا قاراپ كەتتىم………

61-يىل 31-دېكابىر

ئەتىگەندە چاينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بىر قانچە قىز-ئوغۇللار پويىز ئىستانسىسىغا چىقتۇق.
پويىز ئىستانسىسى ئۈرۈمچىنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى قىزىل تاغنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بولغاچقا شەھەردىن خېلى ئېگىزلىكتە تۇراتتى. شۇڭا كىشىلەر پويىز ئىستانسىسىغا چىقتۇق، دېيىشەتتى………