0:00 / 0:00
بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا كەتتى. مىجەزىم بولمىغانلىقتىن رۇخسەت سوراپ ئىشقا چىقمىغان ئىدىم. سائەت توققۇزدا ئۈرۈمچىدىن ئاپتوبۇس كەلدى. شۇ ئاپتوبۇس بىلەن ناخشا - ئۇسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسى ئابلىمىت سادىق بىلەن ئايالى گۈلسارە كېلىپ توپ - توغرا بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ كېلىۋاتاتتى. مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ قارشى ئېلىپ ئۆيگە باشلىدىم.