«كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن» (1972 - يىلى قىشنىڭ ئاخىرى)

0:00 / 0:00

بىزدىن ئۈچ كىشى نېرىدا ئولتۇرغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى دېمەكچى بولۇپ سۆز باشلىدى: - مەن غۇلجا ئوبلاستىغا ئەرز ئېيتىپ بارسام، ئۇ يەردە ئوتتۇرا ياشلىق بىر قازاق يىگىتى ئاغرىقچان بولۇپ تاياق بىلەن مېڭىپ كەلگەن دادىسىنى باشلاپ ئۆزىنىڭ ياش ئىنىسى ھەققىدە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئىكەن.