كۆز يېشىدا نەمدەلگەن زېمىن

0:00 / 0:00

چۆچەككىمۇ 20 - 25 يىللاپ تۈرمىدە ۋە تارىم تۈرمىلىرىدە ياتقانلار تۈركۈم - تۈركۈم بولۇپ قايتىشتى. كامالەتكە يەتكەن گۈزەل ياشلىق ۋاقتىدا كەتكەن باتۇر يىگىتلەر ئاق چاچ، ئاق ساقال، مەجرۇھ بوۋاي بولۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇلارنى كۆرگەن چوڭلار ۋەھشىي سىياسەتنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىپ كەلگەن ئۇ قېرىنداشلىرىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ يىغلاشتى ۋە بەزىلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن تىرىشىپ ياخشى سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا ئۈمىد تۇغدۇرۇشقا تىرىشاتتى.