0:00 / 0:00
بىزنىڭ ئاۋسترالىيەگە قوبۇل قىلىنغان ۋىزىمىز كەلدى. ۋىزىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتەننى، بىللە ئۆسۈپ، بىللە ياشىغان ئەل-يۇرتنى، دوست-يارەنلەرنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، خەلقىمىزنى تاشلاپ، ئەل-يۇرتى تونۇش بولمىغان يىراق يەرگە كېتىشنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىغىنى ھېس قىلدىم. كەتكۈم كەلمەي قالدى، ھايات يولى نېمەدېگەن تەس!!!