2006 - يىلى مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلنى كۈتۈۋالدى. شىۋېتسىيەدە ئالتۇن ياز باشلىنىپ جىمىي ئىنسانلار قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن كۈنلەردە مۇنەۋۋەر خانىممۇ شىۋېتسىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىغا ئېرىشىپ يىراقتىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
شۇ يىلى كۈز كېلىشى بىلەن مۇنەۋۋەر خانىم قىزىنى ئېلىپ شىۋېتسىيەگە كېلىدۇ. تىللاخان ئانىمۇ ۋەتەندىن قايتىپ كېلىدۇ. خۇشاللىققا چۆمگەن كۈرەش كۆسەن ئائىلىسى بۇ پۇرسەتتە سەرسانلىقتا چوڭ بولغان ئىككى ئوغۇل - كەۋسەر بىلەن ئىمراننىڭ خەتنە تويىنى ئېسكىلىستۇنادا بىللە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار سېنتەبىرنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر يەكشەنبە كۈنى ئېسكىلىستۇنا شەھىرىگە جەم بولۇپ بۇ مۇراسىمنى تەبرىكلىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا تىللاخان ئانىنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ دوختۇرلار يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ.

شۇ ئارىلىقتا مۇنەۋۋەر خانىم يەنە ئامېرىكىغا قايتىپ ئۇ يەردىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ كېلىشكە كېتىدۇ. تىللاخان ئانا رەسمىي دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا ھېچكىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئېغىر مۇسىبەت يۈز بېرىدۇ: ئەمدىلا 47 ياشقا كىرگەن، ھاياتىنىڭ قىرانلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كۈرەش كۆسەننىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىزلا سېلىشتىن توختايدۇ! ئۇ شۇنداق تۇيۇقسىزلا ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ…
تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئېغىر مۇسىبەت دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان تىللاخان ئانىنى يىقىتىدۇ، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىمنى چەكسىز قايغۇغا گىرىپتار قىلىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئايالى، تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىككى بالىسى شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدۇ. شىۋېتسىيەدىكى ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئېغىر قايغۇغا چۆمىدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسىغا زور يوقىتىش ئېلىپ كېلىدۇ.

ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن ئەس - ھوشىنى يوقاتقان مۇنەۋۋەر خانىم گەرچە شىۋېتسىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمى بولسىمۇ، لېكىن قولىدىكى سەپەر پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دەرھال يولغا چىقىشقا ئامال تاپالمايدۇ. ئۇ ھەر يەرگە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا سەپەرگە لازىم بولىدىغان قانۇنىي ھۆججەتنى دەرھال قولغا كەلتۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك بولمايدۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تەرەپ - تەرەپتىن ئامال ئىزدەپ مۇنەۋۋەر خانىمنى شىۋېتسىيەگە يولغا سېلىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ…
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.