تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 1
2013.07.06
بۇ يىل مەرھۇم سەنئەتكار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلى كۈرەش كۆسەن ۋاپاتىغا 7 يىل بولدى. خۇددى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى يالقۇنلۇق ناخشىلىرىنىڭ بىرىدە ئېيتقىنىدەك: «كۈرەش ئۆلمىدى ھەم ئۆلمەيدۇ…».
مەرھۇمنىڭ جىسمى بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن بىللە قويۇلغان كۈرەش ئىرادىسى ھېلىھەم يالقۇنلۇق مىسرالاردا، ۋەتەن ئىشقىدا ئۇرۇلغان دۇتارىنىڭ تارلىرىدا ياڭرىماقتا. مەرھۇمنىڭ جىسمى يات تۇپراققا كۆمۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قايتماس روھى ھېلىھەم تەكلىماكان بويلىرىنى ئايلىنىپ يۈرمەكتە…
كۈرەش كۆسەننىڭ ۋاپاتىغا 7 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئەسلىمە بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۇغقان سىڭلىسى مۇنەۋۋەر سۇلتان بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئۆز ئاكىسى كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنىڭ 1 - قىسمىدا بولغاي:
كۈرەش سۇلتان 1959 - يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىدا خىزمەت قىلغان. كۈرەش كۆسەننىڭ 1955 - يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن تاغىسى خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان پەيتتىمۇ قايتىپ كەلمىگەن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە سىياسىي بېسىم ئېلىپ كەلگەن. 1963 - يىلى ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن كۈرەش سۇلتان ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە خىتاي سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلگەن ۋە كۇچا ناھىيىسىگە تارقاقلاشتۇرۇلغان. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىغۇبار بالىلىق دەۋرىنىڭ رىشتىسى قەدىمكى كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان كۇچا شەھىرىگە مەھكەم باغلانغان. ئۇنىڭ ئۆزىگە «كۆسەن» دېگەن تەخەللۇسنى تاللىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن بولغان.
كۈرەش سۇلتان ئائىلىسىنىڭ تۇنجى بالىسى شۇنداقلا يالغۇز ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆيىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىكلەرنى كىچىكىدىنلا تەڭ تارتىپ چوڭ بولىدۇ. ئۇ مەكتەپ يېشىغا توشقاندا دادىسى «پانتۈركىست»، «ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقان ئۇنسۇر» دېگەن بەتناملار بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كېتىدۇ. كۇچادا ئىگە - چاقىسىز قالغان بۇ ئائىلە ئېغىر ئەھۋالغا قالىدۇ. ھەر ۋاقت يىراق ۋە چەت يېزىلارغا ھەيدىلىپ سەرسان - سەرگەردان بولۇشتەك بىر ئەھۋالغا قالغان ئائىلە ئەزالىرى كۇچا ناھىيە بازىرىدا يوشۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەكتەپ يېشىغا توشقان كۈرەش سۇلتان ئامالسىز خىتايچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىنچە ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلە سەۋەبى بىلەن ئوقۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
كۇچادا ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان بۇ ئائىلە شۇ يىللاردا چىقىش يولى ئىزدەپ ئىلى تەرەپكە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كۈرەش سۇلتاننىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئۈرۈمچىدىن تۆۋەنگە ھەيدىلىپ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چولۇقاي يېزىسىغا چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كۈرەش سۇلتاننىڭ ئاپىسى يوشۇرۇنچە بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ غۇلجىغا كۆچۈپ بارىدۇ ھەمدە چولۇقاي يېزىسىدىكى تۇغقىنىنىڭ قېشىغا ئورۇنلىشىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ غۇلجىدا نوپۇسى بولمىغاچقا تېرىلغۇ يەر ۋە خەلق كوممۇناسىدىن نورما ئالالمايدۇ. كېيىنچە كۇچادا تېخىچە رېجىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دادىسى بىر ئاماللار بىلەن غۇلجىغا يوشۇرۇنۇپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدۇ. دادىسى قولىدىن كۆپ خىل ھۈنەر كېلىدىغان، تىرىشچان كىشى بولغاچقا ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئائىلىسىنى جان ئېتىپ ماڭىدۇ. داۋالغۇپ تۇرغان ئاشۇ يىللاردا خەلقنىڭ تۇرمۇشى ھەرقانچە قىيىنچىلىقتا بولسىمۇ، سىياسىي بېسىم ۋە بوران - چاپقۇنلار ھەر ۋاقت ھۇۋلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن خەلق ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان مىللىي سەنئىتىنى يوشۇرۇنچە داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىلىدىكى بۇ خىل قويۇق مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقى ياش كۈرەش سۇلتاننىڭ بالىلىق قەلبىگە سەنئەتنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ دادىسىمۇ دۇتار - تەمبۈر چېلىشقا خۇشتار كىشى بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەرلىك سازەندىلەرنىڭ يوشۇرۇنچە يىغىلىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىدۇ. سىياسىي تەقىب ھۆكۈم سۈرگەن ئاشۇ يىللاردا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يوشۇرۇنچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مىللىي مەشرەپلەر ياش كۈرەش سۇلتاننىڭ ۋۇجۇدىدا سەنئەت ئۈچۈن تۈگۈلگەن رىشتىنىڭ قانىتىنى يېشىدۇ…
(داۋامى كېيىنكى ساندا)