شۇ يىللاردا كۈرەش كۆسەن ئۆزى دىرېكتورلۇق قىلىۋاتقان «كۆسەن مەدەنىيەت - سەنئەت شىركىتى» نىڭ نامىدا سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ جەنۇبتىكى ھەرقايسى ۋىلايەت - ناھىيەلەرگە ئويۇن قويۇشقا بارىدۇ. ئۇلار تەكلىماكان تاشيولى ئارقىلىق ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ كېرىيە، چىرا، خوتەن، قاراقاش قاتارلىق ناھىيەلەردە ئويۇن كۆرسىتىدۇ. ئاندىن گۇما ئارقىلىق قەشقەر تەۋەسىگە ئۆتۈپ، ھەرقايسى ناھىيەلەردە ئۆزلىرىنىڭ تاللانغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار يوپۇرغا ناھىيەسىگە كېلىپ خەلققە تۇنجى مەيدان ئويۇننى قويۇشى بىلەن ئويلىمىغان يەردىن يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكىگە دۇچ كېلىدۇ.
يوپۇرغا ناھىيەلىك مەدەنىيەت كۇلۇبىدا قويۇلغان تۇنجى مەيدان ئويۇندا كۈرەش كۆسەن ئۆزى ئىجات قىلغان «مېھمان»، «ھەيكەل»، «ئەركەك سۇ»، «يەرنى ساتماڭلار» قاتارلىق بىر يۈرۈش ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمگەن خەلق يۇقىرى كەيپىيات بىلەن ئالقىش ياڭرىتىپ كۇلۇبنى زىلزىلىگە سالىدۇ. نەچچە ئونلىغان ساقچىلار تىك تۇرۇپ تەرتىپ ساقلايدۇ. بۇ مەنزىرە كۈرەش كۆسەننىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ…

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە كۈرەش كۆسەن يوپۇرغا ناھىيە بازىرىدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا بىر ساقچى ماشىنىسى ئۇنىڭ ئالدىنى توسايدۇ. ماشىنىدىن ئىككى ساقچى چۈشۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىتاي سېكرېتارى، ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەنگەن ئىدارە باشلىقى، مەخسۇس تەرجىمان ۋە باشقا بىرقانچىلىغان خادىملار سۈرلۈك قىياپەت بىلەن ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىتاي سېكرېتارى كۈرەش كۆسەننى قوپاللىق بىلەن سوراققا تارتىدۇ. سوراق جەريانىدا ئۇ كۈرەش كۆسەنگە تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك، مىللەتچىلىك، ھەمدە خىتايلارغا ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قارشى مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئېيتىپ خەلققە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى، «مېھمان» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ بۇنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە يوپۇرغا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى، يوقۇرىدىن قاچان بۇ ھەقتە ئېنىق كۆرسەتمە كەلگۈچە كۈرەش كۆسەننى تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن ھاڭ - تاڭ بولغان كۈرەش كۆسەن دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىتاي سېكرېتارى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۇ بىرمۇ - بىر پاكىت كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن مەخسۇس ئۆمەك بولۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلققە كۆرسىتىلگەن بارلىق سەنئەت نومۇرلىرى تىزىملىكىنىڭ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەنلىكىنى، «مېھمان» قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرىنىڭ ئىلگىرى گېزىت - ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئاشكارا ئېلان قىلىنغان شېئىرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭغا گەپ تېپىپ بېرەلمىگەن خىتاي سېكرېتار ئاخىرى نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ۋەقە ھەققىدە يوقۇرىدىن ئېنىق كۆرسەتمە كەلگۈچە كۈرەش كۆسەننى تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كۈرەش كۆسەن بۇ تەھدىتكە قارىتا قانۇندىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر ئۆزىنى قانۇنسىز يوسۇندا تۇتۇپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا «كۆسەن مەدەنىيەت - سەنئەت شىركىتى» نامىدا 30 نەچچە سەنئەتكاردىن تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىي زىيىنىنى يوپۇرغا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. تەھدىت ۋە پوپوزا بىلەن كۈرەش كۆسەننى بويسۇندۇرالمىغان يوپۇرغا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سېكرېتارى ئاخىرى جەرىمانە ئۇسۇلى بىلەن ئۇنى قاقتى - سوقتى قىلىپ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش كويىغا چۈشىدۇ. كۈرەش كۆسەن ئۇلار تەلەپ قىلغان 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە جازاسىنىمۇ رەت قىلىدۇ. بوھتان چاپلاش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىگەن خىتاي سېكرېتار ئاخىرى سىمۋول خاراكتېرلىك 200 يۈەن جەرىمانىنى ئېلىپ كۈرەش كۆسەننى قويۇپ بېرىدۇ.

ئۇلار سەنئەت ئۆمەكنى باشلاپ مارالبېشى ناھىيەسىگە كەلگەندە يەنە بىر شۇم خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. يەنى «شىنجاڭ گېزىتى» گە كۈرەش كۆسەن دىرېكتورلۇقىدىكى «كۆسەن مەدەنىيەت - سەنئەت شىركىتى» نىڭ قانۇنىي سالاھىيەتتىن قالغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ تامغا ۋە باشقا قانۇنىي توختاملىرىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېلان بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈرەش كۆسەن تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن كۈرەش كۆسەن بۇ شىركەتنى قايتا ماڭدۇرالمايدۇ. ئەمما داۋاملىق ئىزدىنىپ قايتىدىن سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، شىمالدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئۆمەك غۇلجا ناھىيىسىدە ئويۇن قويغىلى كەلگەندە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن كۈرەش كۆسەن يېتەكچىلىكىدىكى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈرۈمچىگە يەنە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
(داۋامى بار)